TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 23:4

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئاچ كۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرەر؛ پارا ئېلىشقا نەپرەتلەنگەن كىشى كۈن كۆرەر.

چۈنكى بايلىقنىڭ مەڭگۈ كاپالىتى بولماس، تاج-تەختمۇ دەۋردىن-دەۋرگىچە تۇرامدۇ؟

مەن قۇياش ئاستىدا زور بىر كۈلپەتنى كۆردۈم ــ ئۇ بولسىمۇ، ئىگىسى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بايلىقلارنى توپلاشتۇر؛

[يېقىنلىرىڭلارغا] ئۇقتۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بەرھەق، جەسەتلەر دالادا تېزەكتەك يىقىلىدۇ؛ ئۇلار ئورمىچىنىڭ ئورغىقىنىڭ ئاستىغا يىقىلغان، لېكىن ھېچكىم يىغمايدىغان باشاقتەك يەرگە چېچىلىدۇ!» ــ دەڭلار!

بۇزۇلۇپ كېتىدىغان پانىي ئوزۇقلۇققا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ھاياتلىققا باقىي قالىدىغان ئوزۇقلۇققا ئىنتىلىپ ئىشلەڭلار؛ بۇنى ئىنسانئوغلى سىلەرگە بېرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئاتا، يەنى خۇدا ئۆزى مۆھۈرلەپ تەستىقلىغان، ــ دېدى.

بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولۇڭلار؛ نەزىرىڭلارنى ئۈستۈن قىلماڭلار، بەلكى تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارنى دانىشمەن دەپ چاغلىماڭلار.

مېڭىش-تۇرۇشۇڭلار پۇلپەرەسلىكتىن خالىي بولسۇن، بارىغا قانائەت قىلىڭلار. چۈنكى خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن».