ئەمدى پادىشاھ دوئەگكە: ــ سەن بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى. ئېدوملۇق دوئەگ بېرىپ كاھىنلارنى ئۆلتۈردى؛ بۇ كۈنى ئۇ كاناپتىن توقۇلغان ئەفود كىيگەن سەكسەن بەش ئادەمنى ئۆلتۈردى.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 24:15
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ مەھەللىلەردە يوشۇرۇنچە ماراپ ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پىنھان جايلاردا گۇناھسىزلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ؛ كۆزلىرى يوقسۇللارنى كۆزلەيدۇ؛
ئۇلار توپ بولۇپ ئادەمنى قەستىلىشىپ، يوشۇرۇنىدۇ؛ پېيىمگە چۈشۈپ، جېنىمنى ئېلىشنى كۈتىدۇ.
تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن قىلتاق، تانىلارنى يوشۇرۇپ تەييارلىدى؛ يول بويىدا تور يايدى، مەن ئۈچۈن تۇزاقلارنى سالدى؛ سېلاھ.
ئاتا-بوۋىلىرىڭ پاسىلنى بەلگىلەپ بەرگەن كونا چېگرا تاشلىرىنى يۆتكىمە.
مەن بولسام خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ ماڭغان كۆنۈك پاقلاندەك ئىدىم؛ مەن ئەسلى ئۇلارنىڭ ماڭا قاراپ: «دەرەخنى مېۋىسى بىلەن يوقىتايلى، ئۇنىڭ ئىسمى قايتا ئەسكە ھېچ كەلتۈرۈلمىسۇن، ئۇنى تىرىكلەر زېمىنىدىن ئۈزۈپ تاشلايلى» دېگەن قەستلىرىنى ھېچ بىلمەيتتىم؛
لېكىن سائۇل ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن خەۋەر تاپتى؛ ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىدا پايلاپ يۈردى.
يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىشنى ئۆتۈندى. مەقسىتى، ئۇلار يول ئۈستىدە بۆكتۈرمە تەييارلاپ پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈش ئىدى.