TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 26:21

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ يەردە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا ئىسىملىك بىر ئىپلاس بار ئىدى. ئۇ كاناي چېلىپ: ــ بىزنىڭ داۋۇتتا ھېچقانداق ئورتاق نېسىۋىمىز يوق؛ يەسسەنىڭ ئوغلىدىن ھېچقانداق مىراسىمىز يوق! ئى ئىسرائىل، ھەربىرلىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلەرگە يېنىپ كېتىڭلار، ــ دېدى.

ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى يەروبوئامنىڭ يېنىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى خەلقنىڭ جامائىتىگە چاقىردى. ئۇلار ئۇنى پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە رەسمىي پادىشاھ قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھېچكىم داۋۇتنىڭ جەمەتىگە ئەگەشمىدى.

تېرىككەك كىشى جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار؛ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپتۇر.