شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار (چۈنكى ئاراڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق نېسىۋىسى ياكى مىراسى يوق)، مۇساپىر، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار كېلىپ ئۇنىڭدىن يەپ تويۇنسۇن؛ شۇنداق قىلساڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ قولۇڭدىكى بارلىق مېۋىنى بەرىكەتلەيدۇ.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 3:10
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
زادوك جەمەتىدىن بولغان باش كاھىن ئازارىيا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: ــ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ھەدىيە كەلتۈرگىلى باشلىغاندىن بۇيان تويغۇدەك يېدۇق، يەنە نۇرغۇن ئېشىپ قالدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى بەرىكەتلىگەن، شۇڭا ئېشىپ قالغىنىمۇ شۇنچە كۆپ، دېدى.
كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىق قىلغان، پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەردۇر؛ ئۇنىڭ شەپقىتىنى [پەرۋەردىگار] قايتۇرار.
نانلىرىڭنى سۇلارغا ئەۋەت؛ كۆپ كۈنلەردىن كېيىن ئۇنى قايتىدىن تاپىسەن.
دانلار ئامبارغا يىغىلدىمۇ؟ ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر، ئانار ھەم زەيتۇن دەرەخلىرى ھېچ مېۋە بەرمىدى. بىراق مەن بۇ كۈندىن باشلاپ سىلەرنى بەرىكەتلەيمەن».
مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ بۇ شاكىچىكلىرىمدىن ئەڭ كىچىكى بىرىنى مېنىڭ مۇخلىسىم دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ھەتتا پەقەت بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن ئۆزىگە لايىق ئىنئامدىن مەھرۇم بولمايدۇ.