TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 3:14

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

خۇدا سۇلايمانغا: ــ مەن سېنى خەلقىمگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم. ئەمدى سەن مۇشۇنداق نىيەتكە كېلىپ، نە بايلىق، مال-مۈلۈك، نە ئىززەت-ھۆرمەت ۋە دۈشمەنلىرىڭنىڭ جانلىرىنى تىلىمەي، نە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى تىلىمەي، بەلكى بۇ خەلقىمگە ھۆكۈم سۈرۈشكە دانالىق ۋە بىلىم تىلىگەن ئىكەنسەن،

مەن ئۈچۈن ئاغزىڭدىكى قانۇن-تەلىم، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈش تەڭگىدىن ئەۋزەلدۇر.

بىرسى زور ئولجا تاپقاندەك، ۋەدەڭدىن خۇشاللىنىمەن.

كۈمۈشكە ئېرىشكەندىن كۆرە، نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىڭلار، ساپ ئالتۇننى ئېلىشتىن كۆرە بىلىمنى ئېلىڭلار.

دانالىق ئېلىش ئالتۇن ئېلىشتىن نەقەدەر ئەۋزەلدۇر؛ يورۇتۇلۇشنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن شۇنچە ئۈستۈندۇر!

چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟!   

باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوتتا تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق نومۇسلۇقۇڭنىڭ يېپىلىشى ئۈچۈن كىيگۈزۈلۈشۈڭگە ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتۈشكە تۇتىيانى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى نەسىھەت قىلىمەن.