TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 3:25

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

سەن زەھەرلىك تىللارنىڭ زەربىسىدىمۇ باشپاناھلىق ئىچىگە يوشۇرۇنىسەن، ۋەيرانچىلىق كەلگەندە ئۇنىڭدىن ھېچ قورقمايدىغان بولىسەن.

داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ نۇرۇم ۋە نىجاتلىقىمدۇر؛ مەن يەنە كىمدىن قورقاي؟ پەرۋەردىگار ھاياتىمنىڭ قورغىنىدۇر؛ مەن كىمنىڭ ئالدىدا تىترەي؟

ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە پاراكەندە بولىدۇ، دەھشەتلەر ئۇلارنى بېسىپ يوقىتىدۇ!

ئۇ شۇم خەۋەردىن قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ كۆڭلى توق ھالدا، پەرۋەردىگارغا تايانغان.

«مۇشۇ كىشىلەر كۆپ ئىشلاردا «سۇيىقەست بار» دېسە، سىلەر بولساڭلار «سۇيىقەست بار» دەپ يۈرمەڭلار؛ ئۇلارنىڭ قورققىنىدىن سىلەر قورقماڭلار، ياكى ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛

سەن ھەققانىيلىق بىلەن تىكلىنىسەن؛ سەن زۇلۇمدىن يىراق، (چۈنكى سەن ھېچ قورقمايسەن) ۋەھشەتتىنمۇ يىراق تۇرغۇچى بولىسەن، چۈنكى ئۇ ساڭا ھېچ يېقىنلاشمايدۇ.

بەلكى ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئۈزۈم تېلى ۋە ئۆز ئەنجۈر دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ، ۋە ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ؛ چۈنكى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق ئېيتتى.  

ۋە مانا، دېڭىز ئۈستىدە قاتتىق بوران چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىدىن ھالقىپ كېمىنى غەرق قىلىۋېتەي دەپ قالدى. لېكىن ئۇ ئۇخلاۋاتاتتى.

دانىيال پەيغەمبەر قەيت قىلغان «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي)،   

سىلەر ئۇرۇش ۋە توپىلاڭلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋۋال يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.

كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىسىلەر، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار.