TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 3:6

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئولجا بولۇپ كەتتى ۋە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنىي بىلەن فىنىھاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى.

ــ ئى، سەن ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنى بىل، ساپ دىل ۋە پىداكارلىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار جىمى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، بارلىق ئوي-نىيەتلىرىنى پەرق ئېتىدۇ. سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇ ئۆزىنى ساڭا تاپقۇزىدۇ؛ ئۇنىڭدىن تېنىپ كەتسەڭ، سېنى مەڭگۈ ئۈزۈپ تاشلايدۇ.

چۈنكى بىز ئەسلىدە پادىشاھقا: «خۇدايىمىزنىڭ قولى ئۇنى بارلىق ئىزدىگەنلەرنىڭ ئۈستىگە ئىلتىپات كۆرسىتىشكە قويۇلىدۇ؛ لېكىن ئۇنىڭ قۇدرىتى بىلەن غەزىپى ئۆزىنى تاشلىغانلارغا زەربە بېرىشكە تەيياردۇر» دېگەنىدۇق، ئەمدى يەنە ئۇنىڭدىن يولدىكى دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا پىيادە ۋە ئاتلىق لەشكەرلەر تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم.

پادىشاھ مېنىڭدىن: ــ سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ــ دەپ سورىۋىدى، مەن ئاسماندىكى خۇداغا دۇئا قىلىپ،

ــ «مەن سەن مېڭىشقا تېگىشلىك يولدا سېنى يېتەكلەيمەن ھەم تەربىيلەيمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۈستۈڭدە بولۇشى بىلەن ساڭا نەسىھەت قىلىمەن.

ئىنسان كۆڭلىدە ئۆز يولىنى توختىتار؛ ئەمما قەدەملىرىنى توغرىلايدىغان پەرۋەردىگاردۇر.

ھەققانىينىڭ يولى بولسا تۈزدۇر؛ ئى ئەڭ تۈز يوللۇق بولغۇچى، سەن ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىنى ئوڭ قىلىسەن.

مەن ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن تۇرغۇزغان، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى تۈز قىلدىم؛ ئۇ بولسا شەھىرىمنى قۇرىدۇ، نە ھەق نە ئىنئام سورىماي ئۇ ماڭا تەۋە بولغان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ» ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار.  

بىلىمەنكى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنساننىڭ ئۆز يولىنى بېكىتىشى ئۆز قولىدا ئەمەستۇر؛ مېڭىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىدە قەدەملىرىنى خالىغانچە تاشلاش قۇدرىتى بولماستۇر؛

ئەمما تىتۇسنىڭ قەلبىگە سىلەرگە بولغان كۆيۈمۈمگە ئوخشاش كۆيۈمنى سالغان خۇداغا تەشەككۈرلەر بولغاي؛

ۋە ھەممە ئىشلاردا، سۆز بولسۇن، ئەمەل بولسۇن، ھەممىسىنى رەب ئەيسانىڭ نامىدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىلىق خۇدائاتىغا رەھمەت ئېيتىڭلار.

بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ.