قولۇڭدىكى قەبىھلىكنى ئۆزۈڭدىن نېرى قىلساڭ، چېدىرلىرىڭدا ھېچ يامانلىقنى تۇرغۇزمىساڭلا،
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 4:24
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ئەرزىمەس، پەيلى بۇزۇق ئادەم ھەممىلا يەردە يالغان ئېيتىپ، پەسلىكنى سۆزلەيدۇ.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ــ يامانلىققا نەپرەتلىنىش دېمەكتۇر؛ تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، يامان يول ھەم شۇم ئېغىزنى ئۆچ كۆرىمەن.
ئۆزۈڭلاردىن بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارغا يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھنى تىكلەڭلار؛ نېمىشقا ئۆلمەكچىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟
ئەمما ھازىر سىلەر مۇشۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئۆزۈڭلاردىن سېلىۋېتىڭلار ــ يەنى غەزەپ، قەھر-سەپرا، يامان نىيەتلەر، تۆھمەت، ئاغزىڭلاردىن چىقىدىغان ئىپلاس سۆزلەرنىمۇ سىلىۋېتىڭلار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئىپلاسلىقلارنى ۋە قىنىڭلارغا پاتمايۋاتقان رەزىللىكنى تاشلاڭلار، [قەلبىڭلاردا] يىلتىز تارتقۇزۇلغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بارلىق رەزىللىك، بارلىق مەككارلىق، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە ھەممە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاپ،