TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 4:9

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

مەن سەن تىلىمىگەن نەرسىنىمۇ، يەنى دۆلەت-بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنى ساڭا بەردىم. شۇنىڭ بىلەن بارلىق كۈنلىرىڭدە پادىشاھلارنىڭ ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش بولىدىغىنى چىقمايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جېنىڭغا جان قوشىدۇ، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئېسىل مارجاندەك ساڭا گۈزەللىك قوشىدۇ.

ئوخشاش يولدا ئاياللارمۇ مۇۋاپىق كىيىنىپ، ئۆزلىرىنى ئار-نومۇس ۋە سالماقلىق بىلەن پەرداز قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەردازلاش، چاچلىرىنى ئالاھىدە ياساش ۋە ئالتۇن، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل قىممەت كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس،

بەلكى «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار»، يەنى مۆمىن ۋە تىنچ روھتىن بولغان چىرىماس گۈزەللىكتىن بولسۇن؛ بۇنداق [گۈزەللىك] خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.

غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، مەنمۇ غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغىنىمدەك، ئۇنىمۇ تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىمەن.