ــ ئى، تەڭرىنى ئۇنتۇغانلار، بۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! بولمىسا، سىلەرنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن؛ ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 6:15
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ھالاكەت ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمە ئۈستۈڭلەرگە چۈشكەندە، ۋەيرانچىلىق سىلەرگە قۇيۇنتازدەك كەلگەندە، سىلەر ئېغىر قايغۇغا ۋە ئازابقا مۇپتىلا بولغىنىڭلاردا ــ
قايتا-قايتا ئەيىبلىنىپ تۇرۇپ يەنە بوينى قاتتىقلىق قىلغان كىشى، تۇيۇقسىزدىن داۋالىغۇسىز يانجىلار.
شۇنداق قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بىرسى ساپالچىنىڭ كوزىسىنى قايتىدىن ھېچ ياسىيالمىغۇدەك دەرىجىدە چېقىۋەتكىنىدەك مەنمۇ بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى شۇنداق چېقىۋېتىمەن. ئۇلار جەسەتلىرىنى توفەتتە كۆمىدۇ، ھەتتا كۆمگۈدەك يەر قالمىغۇچە.
ئەمدى كىشىلەر «[دۇنيا] تىنچ-ئامان بولۇۋاتىدۇ» دەپ تۇرغاندا، خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىدەك، ھالاكەت ئۇلارنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.