TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 8:13

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئى ئىنسانلار، كىبىرلىك سۆزلىرىڭلارنى كۆپەيتىۋەرمەڭلار، يوغان گەپلەرنى ئاغزىڭلاردىن چىقارماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بىلىم-ھىدايەتكە ئىگە خۇدادۇر. ئىنسانلارنىڭ ئەمەللىرى ئۇنىڭ تەرىپىدىن تارازىدا تارتىلىدۇ.

چۈنكى سەن رەزىللىكتىن ھۇزۇر ئالغۇچى ئىلاھ ئەمەسدۇرسەن؛ يامانلىق ھەرگىز سەن بىلەن بىللە تۇرمايدۇ.

ھېچ پاسىق نەرسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرمەيمەن، يولدىن چەتنىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا نەپرەتلىنىمەن؛ بۇنداقلار ماڭا ھېچ يېپىشماس ئەسلا.

شۇڭا ھەممە ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بارلىق كۆرسەتمىلىرىڭنى توغرا دەپ بىلىمەن؛ بارلىق ساختا يولنى ئۆچ كۆرىمەن.

ئاغزىڭنى ئەگرى گەپتىن يىراق تارت، لەۋلىرىڭ ئېزىتقۇلۇقتىن نېرى بولسۇن.

پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ئالتە نەرسە بار، بەرھەق، يەتتە نەرسە ئۇنىڭغا يىرگىنچلىكتۇر.

ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛ لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار.

مۇھەببەت-شەپقەت ۋە ھەقىقەت بىلەن گۇناھلار كافارەت قىلىنىپ يېپىلار؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار.

يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار، مېھرىبانلىق-ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدا ئادالەتنى ئورنىتىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا بەلكىم يۈسۈپنىڭ قالدىسىغا شاپائەت كۆرسىتەر.  

ھېچكىم كۆڭلىدە ئۆز يېقىنىغا يامانلىق ئويلىمىسۇن؛ ھېچقانداق يالغان قەسەمگە شېرىك بولماڭلار؛ چۈنكى مەن دەل بۇلارنىڭ ھەممىسىگە نەپرەتلىنىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار.

ئەي ياشلار، چوڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنىڭدەك، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا نىسبەتەن كىچىك پېئىللىقنى ئۈستۈڭلارغا ئورىۋېلىڭلار. چۈنكى: «خۇدا تەكەببۇرلارغا قارشىدۇر، لېكىن مۆمىن-كەمتەرلەرگە شەپقەت قىلىدۇ».