TSK

TSK · رىملىقلارغا 13:8

مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.

العودة إلى المقطع

ئاجىز، نامرات مەدىكارغا ناھەقلىق قىلما، مەيلى ئۇ قېرىنداشلىرىڭلاردىن بولسۇن ياكى يېزا-شەھەرلىرىڭلاردا تۇرغان مۇساپىرلاردىن بولسۇن.

شۇڭا ھەر ئىشتا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار؛ چۈنكى تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇدۇر.

سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر تاپشۇرىمەنكى، «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار». سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.

مېھىر-مۇھەببەتكە بېرىلگەن [كىشى] ئۆز يېقىنىغا ھېچقانداق يامانلىق يۈرگۈزمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر.

مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىگە كامىل بىرلىكنىڭ رىشتىسى بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى قوشۇپ بېرىڭلار.   

مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن شاھانە قانۇنغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر.