چۈنكى كىمكى شۇنداق ئىشلار قىلسا، كىمكى ناھەق ئىش قىلسا، خۇدايىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك سانىلىدۇ.
TSK
TSK · رىملىقلارغا 6:13
مراجع Treasury of Scripture Knowledge في مۇقەددەس كىتاب.
ھەققانىيلارغا ئېيتقىنكى، ئۇلار ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ، ئۇلار ئۆز ئەمللىرىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ؛
مانا، بارلىق جانلار مېنىڭكىدۇر؛ ئاتىنىڭ جېنى مېنىڭكىدەك، بالىنىڭ جېنىمۇ مېنىڭكىدۇر؛ گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ.
چۈنكى مېنىڭ بۇ ئوغلۇم ئۆلگەنىدى، تىرىلدى، يىتىپ كەتكەنىدى، تېپىلدى!» ــ دەپتۇ. ئاندىن ئۇلار تەبرىكلەشكىلى باشلاپتۇ.
ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.
لېكىن شەخسىيەتچىلەرگە، ھەقىقەتكە تەن بەرمەي، ئەكسىچە ھەققانىيەتسىزلىككە ئەگەشكەنلەرگە غەزەپ-قەھر ياغدۇرۇلىدۇ؛
ئۆزلىرىڭلارنى ئىتائەتمەن قۇللاردەك بىرىگە تۇتۇپ بەرسەڭلار، شۇ كىشىنىڭ قۇلى بولغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر ــ ياكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان گۇناھنىڭ قۇللىرى، ياكى خۇدا ئالدىدا ھەققانىيلىققا ئېلىپ بارىدىغان ئىتائەتمەنلىكنىڭ قۇللىرى بولۇشۇڭلار مۇخەررەر.
چۈنكى بىز «ئەت»نىڭ ئىلكىدە ۋاقتىمىزدا، تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ، تېنىمىزدىكى ئەزالاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مېۋىنى چىقارغانىدى؛
شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدانىڭ رەھىمدىللىقى بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، تېنىڭلارنى مۇقەددەس، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلاڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ [خۇداغا] قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر.
تېنىڭلارنىڭ مەسىھنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، مەسىھنىڭ ئەزالىرىنى ئېلىپ، پاھىشە ئايالنىڭ ئەزالىرى قىلسام بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ!
ۋە ئۇ ھەممەيلەننى دەپ ئۆلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت، ھايات بولغانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلۈپ تىرىلگۈچى ئۈچۈن ياشىشى ئۈچۈندۇر.
چۈنكى جەڭ قوراللىرىمىز ئەتكە تەۋە قوراللار ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن قورغان-ئىستىھكاملارنى گۇمران قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان قوراللاردۇر؛
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئويغان، ئەي ئۇيقۇچى! تىرىل ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن! ۋە مەسىھ سېنى پارلاپ يورىتىدۇ».
ئەمدى گەرچە ئىتائەتسىزلىكىڭلار ۋە ئەتلىرىڭلاردىكى سۈننەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن ئۆلگەن بولساڭلارمۇ، ئۇ سىلەرنى مەسىھ بىلەن بىللە جانلاندۇردى؛ ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ،
نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، بەلكى قەبىھلىكنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ.
ئاراڭلاردىكى ئۇرۇش ۋە ماجىرالار نەدىن كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇ دەل تەن ئەزالىرىڭلار ئىچىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلاردىن ئەمەسمۇ؟
ئۇنداق كىشى تېنىدە قالغان ھاياتىنى يەنە ئىنسانىي نەپس-ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىدۇ).
گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر.