TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 13:16

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇنداقلا دۈشمەنلىرىڭنى ئۆز قولۇڭغا تاپشۇرغان ھەممىدىن ئالىي تەڭرىگە ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي!» ــ دېدى. ئابرام بولسا غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا بەردى.

پەرۋەردىگار خۇدايىمىز دەرۋەقە باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى ۋە بارلىق خەلقىنى قولىمىزغا تاپشۇردى؛ بىز ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلاردىن ھېچكىمنى قالدۇرماي قىردۇق.

ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇلارغا ھەر ئەتراپىدا تىنچ-ئاراملىق بەردى؛ ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ھېچقاندىقى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ تىك تۇرالمايتتى؛ بەلكى پەرۋەردىگار ھەممە دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى.

ئەمما ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىھوننى بارلىق خەلقى بىلەن قوشۇپ ئىسرائىلنىڭ قولىغا تاپشۇردى، ئىسرائىللار ئۇلارنى ئۇرۇپ قىردى. ئاندىن ئىسرائىل شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ ھەممە زېمىنىنى ئىگىلىدى.

ئېفىئوپىيلەر بىلەن لىۋىيەلىكلەر چوڭ بىر قوشۇن ئەمەسمىدى؟ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق ئەسكەرلىرى ئىنتايىن كۆپ ئەمەسمىدى؟ لېكىن سەن پەقەت پەرۋەردىگارغا تايانغاندا، ئۇ ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرغانىدى.