TSK

TSK · سامۇئىل «2» 5:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

سەن ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلغىنكى، ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى چېقىۋېتىڭلار، ئاشەراھ بۇتلىرىنى كېسىۋېتىڭلار ۋە ئويما بۇتلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛   

ئۇ يەردە فىلىستىيلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ داگون بۇتخانىسىغا ئەكىرىپ، داگون دېگەن بۇتنىڭ يېنىغا قويدى.

ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلار، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيەلىكلەر ئۇلارنى ھالاك قىلدى.

ئۇلار ئېڭىشىدۇ، بىرلىكتە تىز پۈكىشىدۇ؛ ئۇلار مۇشۇ يۈكنى قۇتقۇزالمايدۇ، بەلكى ئۆزلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ.

چۈنكى سەن ئۆز قىلغانلىرىڭغا ۋە بايلىقلىرىڭغا تايانغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، سەنمۇ ئەسىرگە چۈشىسەن؛ [بۇتۇڭ] كېموش، ئۇنىڭ كاھىنلىرى ھەم ئەمىرلىرى بىلەن بىللە سۈرگۈن بولىدۇ.