مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە سۆز-كالامنى جاكارلىشىغا يول قويمىغان بولۇپ، پاۋلۇسلار ئەمدى فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىدىن ئۆتۈپ،
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 19:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
«مەن قانداقلا بولمىسۇن كېلەر ھېيتنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزىمەن؛ ئاندىن خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن»، ــ دەپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئەفەسۇستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى.
چۈنكى پاۋلۇس ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، دېڭىز سەپىرىدە ئەفەسۇستا توختىماي ئۆتۈپ كېتىشنى قارار قىلغانىدى. سەۋەبى، ئۇ «ئورما ھېيتى» كۈنىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى.
ئۇ يەردە مۇخلىسلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. ئۇلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ۋەھىيىسى كېلىپ، ئۇلار پاۋلۇسقا ئايىغىڭ يېرۇسالېمغا باسمىسۇن، دەپ نەسىھەت قىلدى.
يېرۇسالېمغا يەتكەندە قېرىنداشلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.
مەن [يېرۇسالېمدىن] ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە ئۆز خەلقىمگە خەير-سەدىقە يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇدا ئالدىغا ھەدىيە سۇنغىلى بارغانىدىم.
بىزنىڭ ئىتالىيەگە دېڭىز يولى بىلەن بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا بىرنەچچە مەھبۇسنى «ئاۋغۇستۇس قىسمى»دىكى يۇلىيۇس ئىسىملىك بىر يۈزبېشىغا تاپشۇردى.
رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، يۈزبېشى مەھبۇسلارنى ئوردا قاراۋۇل بېگىگە تاپشۇردى؛ لېكىن پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە ئايرىم تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى.
قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، باشقا يەردىكى ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا خىزمىتىم مېۋە بەرگەندەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ خىزمىتىمنىڭ مېۋە بېرىشى ئۈچۈن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم نىيەت قىلدىم، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كېلىۋاتىمەن.
لېكىن ھازىر مۇشۇ ئەتراپلاردا [خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلمىگەن] يەرلەر ماڭا قالمىغانلىقتىن، ھەمدە كۆپ يىللاردىن بېرى سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بولغانلىقتىن، ئىسپانىيەگە بېرىشىمدا سىلەرنىمۇ يوقلاپ ئۆتمەكچىمەن. سەپىرىمدە ئالدى بىلەن سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر مەزگىل ھەمراھلىقىڭلاردىن تولۇق خۇشاللىنىپ، ئاندىن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا سەپىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئىشەنچتە بولۇپ مەن ئەسلىدە ئىككىنچى قېتىم سىلەرگە مېھىر-شەپقەتنى يەتكۈزۈشكە ئاۋۋال سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارماقچىدىم؛
بىراق سىلەرگە شۇنى خەۋەرلەندۈرمەكچىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىم ئەمەلىيەتتە خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى؛