TSK

TSK · دانىيال 3:1

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ھارۇن ئۇلارغا: ــ خوتۇنلىرىڭلار بىلەن ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ قۇلاقلىرىدىكى ئالتۇن زىرە ھالقىلارنى چىقىرىپ، مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، دېدى.

سىلەر ئۇلارنىڭ ئويما بۇتىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىڭلار؛ كۆز قىرىڭلارنى شۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشكە سالماڭلار، ئۇلارنى ئالماڭلار؛ بولمىسا ئۇ سىلەرگە قىلتاق بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا يىرگىنچلىك بىر نەرسىدۇر.

پادىشاھ مەسلىھەت سوراپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاي ھەيكىلىنى ياسىتىپ خەلققە: ــ يېرۇسالېمغا چىقىش سىلەرگە ئېغىر كېلىدۇ. ئى ئىسرائىل، مانا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغان ئىلاھلار! ــ دېدى.

ئاھاشۋېروش (ھىندىستاندىن ھەبەشىستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاھاشۋېروش)نىڭ تەختتىكى كۈنلىرىدە شۇنداق بىر ۋەقە بولدى: ــ

ئەللەرنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەتلا كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنى ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغاندۇر، خالاس.

شۇ چاغدا سىلەر ئويۇلغان مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن كۈمۈش ھەلگە، قۇيما مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن ئالتۇن ھەلگىمۇ داغ تەگكۈزىسىلەر؛ سىلەر ئۇلارنى ئادەت لاتىسىنى تاشلىغاندەك تاشلىۋېتىپ: ــ «نېرى تۇر» ــ دەيسىلەر.

ئۇلار بولسا ھەميانىدىن ئالتۇننى چېچىپ بېرىپ، كۈمۈشنىمۇ تارازىغا سالىدۇ، بىر زەرگەرنى ياللىۋالىدۇ، ئۇ بىر مەبۇدنى ياساپ بېرىدۇ؛ ئۇلار يىقىلىدۇ، دەرۋەقە چوقۇنىدۇ!

ئىنسانلار ئۆز-ئۆزىگە خۇدالارنى ياسىيالامدۇ؟! لېكىن ياسىغىنى خۇدا ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ.

ئاندىن پادىشاھ دانىيالنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېسىل سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ ئۇنى پۈتكۈل بابىل ئۆلكىسىگە ھاكىم بولۇشقا تەيىنلىدى ۋە ئۇنى بابىلدىكى دانىشمەن-ئەقىلدارلارنىڭ باش ئاقساقىلى قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ شادراك، مىشاك، ئەبەدنېگو ئۈچەيلەننى ئۆستۈرۈپ، بابىل ئۆلكىسىدە يۇقىرى مەنسەپكە تەيىنلىدى.

ئۇلار ئۆزلىرى پادىشاھلارنى تىكلىگەن، بىراق مەن ئارقىلىق ئەمەس؛ ئۇلار بەزىلەرنى ئەمىر قىلغان، بىراق ئۇنىڭدىن خەۋىرىم يوق؛ ئۇلار ئۆز جېنىغا زامىن بولۇش ئۈچۈن، ئۆزلىرىگە بۇتلارنى كۈمۈش-ئالتۇنلىرىدىن ياسىغان.

شۇڭا، خۇدانىڭ نەسلى بولغاچقا، بىز تەڭرى بولغۇچىنى ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاشتىن ياسالغان، ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى ۋە تەسەۋۋۇرى بىلەن ئويۇلغان بىرەر نەرسىگە ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك.

قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئۆلتۈرۈلمەي قالغانلار ئۆز قوللىرىنىڭ ئەمەللىرىگە توۋا قىلمىدى، يەنى جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى.