TSK

TSK · دانىيال 3:4

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇ چاغدا، ئۈچىنچى ئايدا، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ مىرزىلىرىنىڭ ھەممىسى چاقىرىپ كېلىندى. ئۇلار موردىكاينىڭ بارلىق بۇيرۇغىنى بويىچە يارلىق يازدى؛ يارلىق يەھۇدالارنىڭ ئىشى توغرۇلۇق ھىندىستاندىن ھەبەشستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىنىڭ ۋالىيلىرىغا، ئۆلكە باشلىقى ۋە بەگلىرىگە يېزىلغان بولۇپ، مەكتۇپلار ھەرقايسى ئۆلكىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەرگە ئۆز تىلى بىلەن، شۇنداقلا يەھۇدىيلارغا ئۆز يېزىقى بىلەن، ئۆز تىلىدا پۈتۈلگەنىدى.

ــ ئى زىئونغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى، يۇقىرى بىر تاغقا چىققىن؛ يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگۈچى، ئاۋازىڭنى كۈچەپ كۆتۈرگىن! ئۇنى كۆتۈرگىن، قورقمىغىن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە: ــ «مانا، خۇدايىڭلارغا قاراڭلار» دېگىن!

«مەنكى پادىشاھ نېبوقادنەساردىن يەر يۈزىدىكى ھەربىر ئەل-يۇرتقا، ھەرقايسى تائىپىلەرگە، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان قوۋملارغا ئامان-ئېسەنلىك ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي!

شۇ ئىشتىن كېيىن دارىئۇس پادىشاھ يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەممە تائىپىلەر، ھەر تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق پۈتۈك چۈشۈردى: ــ «ھەممىڭلارغا ئامانلىق ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاي!

چۈنكى «ئومرىنىڭ بەلگىلىمىلىرى»نى، «ئاھابنىڭ جەمەتىدىكىلەر قىلغانلىرى»نى تۇتىسەن؛ سەن ئۇلارنىڭ نەسىھەتلىرىدە ماڭىسەن، شۇنىڭ بىلەن مەن سېنى خارابە، سەندە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئىسقىرتىش ئوبيېكتى قىلىمەن؛ سەن خەلقىمدىكى شەرمەندىچىلىكنى كۆتۈرىسەن.