ھالبۇكى، مېنىڭ سېنى ئورنۇڭغا تىكلىشىمدىكى مەقسىتىم شۇ ئىدىكى، دەل ئۆز قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش، شۇنداقلا نامىمنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىدە جاكارلىنىشى ئۈچۈن ئىدى.
TSK
TSK · دانىيال 4:17
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
(بەرھەق، خوتۇنى يىزەبەلنىڭ قۇترىتىشلىرى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك قىلغىلى ئۆزىنى ساتقان ئاھابدەك ھېچكىم يوق ئىدى.
ئۆز ئوغلىنى ئوتتىن ئۆتكۈزدى؛ جادۇگەرچىلىك بىلەن پالچىلىق ئىشلەتتى، ئۆزىگە جىنكەشلەر بىلەن ئەپسۇنچىلارنى بېكىتتى؛ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە سان-ساناقسىز رەزىللىكنى قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
پەرۋەردىگار چىقارغان ھۆكۈمى بىلەن تونۇلار؛ رەزىل ئادەملەر ئۆز قولىدا ياسىغىنى بىلەن ئىلىنىپ قالدى. خىگگائون ــ سېلاھ.
چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس، ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛
نامرات كىشىنى ئۇ توپا-چاڭدىن كۆتۈرىدۇ؛ قىغلىقتىن يوقسۇلنى يۇقىرىلىتىدۇ؛
ئاندىن مەن رەبنىڭ: ــ «مەن كىمنى ئەۋەتىمەن؟ كىم بىزگە ۋەكىل بولۇپ بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن: ــ «مانا مەن! مېنى ئەۋەتكەيسەن» ــ دېدىم.
شۇڭا مەن ئەللەر ئىچىدىكى ئەڭ رەزىلىنى كەلتۈرىمەن، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىگە بولىدۇ؛ مەن زومىگەرلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى يوقىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ «مۇقەددەس جايلىرى» بۇلغىنىدۇ.
ئۇ ۋاقىت، پەسىللەرنى ئۆزگەرتكۈچىدۇر؛ ئۇ پادىشاھلارنى يىقىتىدۇ، ۋە پادىشاھلارنى تىكلەيدۇ؛ ئۇ دانالارغا دانالىق، ئاقىلانىلارغا ھېكمەت بېرىدۇ.
ئورنۇمدا يېتىپ، كاللامدا كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرۈۋاتىمەن، مانا، ئاسماندىن بىر كۆزەتچى مۇئەككەل، يەنى مۇقەددەس بىر پەرىشتە چۈشۈپ،
سەن كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ماكان قىلىسەن ۋە كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەيسەن؛ سەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە تۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە يەتتە ۋاقىت بېشىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ ــ دېيىلدى.
ــ «شۇنىڭدىن كېيىن پەس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ شىمالىي پادىشاھلىقنى ئالىدۇ؛ ئەمما پادىشاھلىقنىڭ ھۆرمەت-شۆھرىتى ئۇنىڭغا ھېچ تەۋە بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ؛ لېكىن ئۇ خەلقنىڭ ئاسايىشلىق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، يالاقچىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ.
خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا شۇنى ساڭا ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، سەن بۇ ئەمرلەرگە ھېچ ئايرىمىچىلىق قىلماي، ھېچقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسماي قەتئىي ئەمەل قىلغىن.