TSK

TSK · دانىيال 5:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئىسرائىللار ــ كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە قالغان سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئاتاش مۇراسىمىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئۆتكۈزدى.

شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە جاكارلىنىپ، يېرۇسالېمغا يىغىلىڭلار،

تاللانغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكى ياشلاردىن دانىيال، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيالار بار ئىدى.

ئارىئوق شۇئان دانىيالنى پادىشاھ نېبوقادنەسارنىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ، پادىشاھقا: ــ «مەن يەھۇدىي ئەسىرلەر ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىر كىشىنى تاپتىم» ــ دېدى.

پادىشاھ بەلشازار شارابنى تېتىپ كۆرۈپ، ئۆزى، ئەمىر-ئېسىلزادىلىرى، ئۆز خوتۇن-كېنىزەكلىرىنىڭ شارابنى ئاتىسى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىن ئولجىغا ئالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلاردا ئىچىشىگە، شۇ جام-قاچىلارنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى.

ــ ئى ئالىيلىرى، ھەممىدىن ئالىي خۇدا ئاتىلىرى نېبوقادنەسارغا پادىشاھلىق، ئۇلۇغلۇق، شان-شەرەپ ۋە ھەيۋەت بەردى.

پادىشاھ بەلشازار تەختكە ئولتۇرۇپ ئۈچىنچى يىلى، مەنكى دانىيال ئىككىنچى بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم.

بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيەدە ئايلىنىپ يۈردى. ئۇ يەھۇدىيەدە ئايلىنىپ يۈرۈشنى خالىمايتتى، چۈنكى [شۇ يەردىكى] يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى ئىدى.