يوقسۇزلۇق ھەم ئاچلىقتىن يىگلەپ كەتكەن، ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان چۆلدەرەپ كەتكەن دەشت-باياۋاندا قۇرۇق يەرنى غاجايدۇ.
TSK
TSK · دانىيال 5:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ بىلەن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر بىلىدۇكى، مەنكى پەرۋەردىگار ئېگىز دەرەخنى پەس قىلدىم، پەس دەرەخنى ئېگىز قىلدىم، يېشىل دەرەخنى قاغجىراتتىم، قاقشال دەرەخنى كۆكەرتىپ باراقسان قىلدىم؛ مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق سۆز قىلدىم ۋە شۇنى ئادا قىلىمەن».
دۇنيادىكى جان ئىگىلىرى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسانلارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىسىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پادىشاھلىق ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان كىشى (مەيلى ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس ئادەم بولسىمۇ)گە بېرىدىغانلىقىنى بىلسۇن دەپ، بۇ ھۆكۈم قارىغۇچى مۇئەككەللەرنىڭ پەرمانى بىلەن، يەنى مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ قارار بۇيرۇقى بىلەن بەلگىلەنگەندۇر».
ئۆزلىرى كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ياشايدىلا، كالىلاردەك ئوت-چۆپ بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدىلا، دالادا ئاسماندىكى شەبنەمدىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ تۇرىدىلا. تاكى سىلى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە، يەتتە ۋاقىت باشلىرىدىن ئۆتىدۇ.
سەن كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدىۋېتىلىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ماكان قىلىسەن ۋە كالىلاردەك ئوت-چۆپ يەيسەن؛ سەن ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئىنسان پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزى تاللىغان ھەرقانداق كىشىگە تۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكۈچە يەتتە ۋاقىت بېشىڭدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ ــ دېيىلدى.
ئەمدى مەنكى نېبوقادنەسار ئەرشتىكى پادىشاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن، ئۇنى تېخىمۇ ئۇلۇغلايمەن ۋە ئۇنى ئىززەتلەيمەن: ــ ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھەقتۇر، ئۇنىڭ يوللىرى توغرىدۇر؛ ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇق يولىدا ماڭغانلارنىڭ ھەيۋىسىنى چۈشۈرۈش قۇدرىتى باردۇر!».