TSK

TSK · دانىيال 8:3

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئەمما يەشۇئا يېرىخوغا يېقىن كەلگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئالدىدا سۇغۇرۇلغان قىلىچنى تۇتۇپ تۇرغان بىر ئادەم تۇراتتى. يەشۇئا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن: ــ سەن بىز تەرەپتىمۇ، ياكى دۈشمەنلىرىمىز تەرەپتىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.

«پارس پادىشاھى قورەش مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاسمانلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ماڭا بەردى؛ ئۇ شۇنداقلا مېنى يەھۇدا زېمىنىغا جايلاشقان يېرۇسالېمدا ئۆزىگە بىر ئۆي سېلىشقا بۇيرۇدى.

ئۇ سەلتەنەت سۈرۈپ ئۈچىنچى يىلى بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا زىياپەت بەردى؛ پارس ۋە مېدىئانىڭ قوشۇنى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئېسىلزادىلىرى ۋە بەگلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى.

ــ ئازابلىق بىر ۋەھىي-كۆرۈنۈش ماڭا ئايان قىلىندى؛ خائىن خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ، بۇلاڭچى بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. «ئى ئېلام، ئورنۇڭدىن تۇر، چىق! مېدىئا، مۇھاسىرە قىلىپ قورشىۋال!» ئۇنىڭ سەۋەبىدىن كۆتۈرۈلگەن ھەممە نالە-پەريادلارنى تۈگىتىۋەتتىم.

ــ ئوقلارنى ئۇچلاڭلار! قالقانلارنى تۇتۇڭلار! پەرۋەردىگار مېدىئانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ نىيىتى بابىلغا قارشىدۇر، ئۇنى بەربات قىلىش ئۈچۈندۇر؛ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساسىدۇر، يەنى ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىدۇر.

پادىشاھلىق بولسا مېدىئالىق دارىئۇسنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇ تەخمىنەن ئاتمىش ئىككى ياشتا ئىدى.

مانا يەنە بىر مەخلۇق، يەنى ئىككىنچىسى ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر تەرىپىدىن ئېگىزلىتىلدى. ئۇنىڭ چىشلىرى ئۈچ قوۋۇرغىنى چىشلەپ تۇراتتى، بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «ئورنۇڭدىن تۇر، گۆشنى يېيىشىڭچە يەۋال!» ــ دېدى.

بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاناپ كىيىپ، بېلىگە ئۇفازدىكى ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىر ئادەمنى كۆردۈم.

ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا قولىدا ئۆلچەم تانىسىنى تۇتقان بىر ئادەمنى كۆردۈم

ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقىپ ماڭا: «ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرگىن، نېمىنىڭ چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ باق» ــ دېدى.

ئاندىن مانا، مەن يەنە بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىن تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ چىققانلىقىنى كۆردۈم. تاغلار بولسا مىس تاغلار ئىدى.