TSK

TSK · دانىيال 8:4

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ــ ئى، تەڭرىنى ئۇنتۇغانلار، بۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! بولمىسا، سىلەرنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن؛ ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ.

پەرۋەردىگار ئۆزى «مەسىھ قىلغىنى»غا، يەنى ئەللەرنى ئۇنىڭغا بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى ئوڭ قولىدىن تۇتۇپ يۆلىگەن قورەشكە مۇنداق دەيدۇ: ــ (بەرھەق، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا پادىشاھلارنىڭ تامبىلىنى يەشتۈرۈپ يالىڭاچلىتىمەن، «قوش قاناتلىق دەرۋازىلار»نى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېچىپ بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن قوۋۇقلار ئىككىنچى ئېتىلمەيدۇ) ــ

پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بابىل توغرۇلۇق، يەنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆز: ــ

ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۇلۇغلۇقتىن ھەرقايسى ئەل-يۇرت، ھەرقايسى تائىپىلەر ۋە ھەرخىل تىلدا سۆزلىشىدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئالدىدا تىترەپ قورقۇپ تۇراتتى؛ ئۇ كىمنى خالىسا شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى خالىسا شۇنى تىرىك قوياتتى؛ كىمنى خالىسا شۇنى مەرتىۋىلىك قىلاتتى، كىمنى خالىسا شۇنى پەس قىلاتتى.

مانا يەنە بىر مەخلۇق، يەنى ئىككىنچىسى ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ بىر تەرىپى ئىككىنچى بىر تەرىپىدىن ئېگىزلىتىلدى. ئۇنىڭ چىشلىرى ئۈچ قوۋۇرغىنى چىشلەپ تۇراتتى، بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «ئورنۇڭدىن تۇر، گۆشنى يېيىشىڭچە يەۋال!» ــ دېدى.

ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ بېرەي: ــ بۇنىڭدىن كېيىن پارسقا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىققا چىقىدۇ؛ كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ چىقىپ، باشقا پادىشاھلاردىنمۇ كۆپتىن كۆپ مال-دۇنيانى توپلايدۇ؛ ئۇ مال-دۇنيالىرىدىن قۇدرەت تېپىپ، ھەممە يۇرتلارنى گرېتسىيەگە جەڭ قىلىشقا قوزغايدۇ.

شىمالىي پادىشاھ ئۆز مەيلىچە قىلىۋېرىدۇ؛ ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغلاپ ئۈستۈن قويۇپ، ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغۇچىغا ئاجايىب كۇپۇرلۇق سۆز قىلىدۇ؛ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى تولۇق تۆكۈلگەن كۈنىگىچە ئۇ داۋاملىق زور روناق تاپىدۇ. چۈنكى خۇدانىڭ بېكىتكىنى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ.