TSK

TSK · قانۇن شەرھى 28:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇلار سۆز قىلىپ: ــ ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى بىز بىلەن كۆرۈشتى. شۇڭا ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن بىزگە چۆلگە بېرىشقا ئۈچ كۈنلۈك يولغا رۇخسەت بەرگەيسىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى ۋابا ياكى قىلىچ بىلەن ئۇرۇشى مۇمكىن، ــ دېدى.

مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن ئۇرۇپ يوقىتىمەن، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئۇلاردىن تېخىمۇ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك بىر ئەل قىلىمەن، — دېدى.

ئەگەر ئۇلار سەندىن: «بىز نەگە چىقىپ كېتىمىز؟» دېسە، سەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلۈمگە، قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچقا، قەھەتچىلىككە بېكىتىلگەنلەر قەھەتچىلىككە، سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولۇشقا كېتىدۇ» ــ دەيسەن.   

مەن بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقانلارنى، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ئۇرىمەن؛ ئۇلار دەھشەتلىك بىر ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ.

مەن ئاراڭلارغا مىسىرغا چۈشۈرۈلگەن ئاپەتلەردەك ئاپەتنى ئەۋەتتىم؛ يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزدۇم، ئاتلىرىڭلارنى ئولجا بولۇشقا قويۇۋەتتىم؛ مەن قارارگاھىڭلاردىن [جەسەتلەرنىڭ] سېسىقچىلىقىنى پۇرۇتۇۋەتتىم، ئۇنى دىمىغىڭلارغىمۇ كىرگۈزدۇم، بىراق سىلەر يېنىمغا يەنىلا قايتمىدىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛