TSK

TSK · مىسىردىن چىقىش 12:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ــ بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا كۆرۈنۈپ: ــ مەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم، مىسىردا سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم؛

سىلەر ئۇنى مۇنداق ھالەتتە يەڭلار: ــ ئۇنى يېگەندە بەللىرىڭلارنى چىڭ باغلاپ، ئاياغلىرىڭلارغا كەش كىيىپ، قوللىرىڭلاردا ھاسا تۇتقان ھالدا تېز يەڭلار. ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش» قوزىسىدۇر.

شۇنىڭ بىلەن مۇسا يېنىپ كېلىپ، خەلقنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغان شۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.

پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ئىچىدىن، سەن يېنىمغا تونۇيدىغان خەلق ئاقساقاللىرى ۋە بەگلەردىن يەتمىشنى تاللاپ يىغقىن، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكەل. ئۇلار سېنىڭ بىلەن بىللە شۇ يەردە تۇرسۇن.

پادىشاھ بارلىق خەلققە يارلىق چۈشۈرۈپ: ــ بۇ ئەھدە كىتابىدا پۈتۈلگەندەك، خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارغا «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈڭلار، دەپ بۇيرۇدى.

سىلەر ئۆز ئاتا جەمەتلىرىڭلارنىڭ نۆۋەت-گۇرۇپپا تەرتىپى بويىچە قېرىنداشلىرىڭلاردىن ئىبارەت شۇ ئاددىي خەلق-پۇقرالار جەمەت-جەمەتلىرىگە ۋەكىل بولۇپ، مۇقەددەسگاھتا تۇرىسىلەر؛ ھەربىر گۇرۇپپىدا لاۋىي جەمەتىدىن بىرنەچچە ئادەم بولسۇن.

چۈنكى كاھىنلار ۋە لاۋىيلار بىر نىيەت بىلەن بىرلىكتە پاكلىنىش رەسىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەممىسى پاكلاندى؛ ئاندىن ئۇلار بارلىق سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى بولغان كاھىنلار ۋە ھەم ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتىغان [قوزىلىرىنى] سويدى.

پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق [قوزىسى] سويۇلىدىغان كۈنى، مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ [تامىقىنى] يېيىشىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قەيەرگە بېرىپ تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى.  

ھەممىسى ئوخشاش روھىي ئىچىملىكنى ئىچكەن؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىگە [ھەمراھ بولۇپ] ئەگىشىپ يۈرگەن روھىي ئۇيۇلتاشتىن ئىچەتتى (ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ ئۇيۇلتاش مەسىھنىڭ ئۆزى ئىدى)؛