TSK

TSK · مىسىردىن چىقىش 27:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

خۇدا يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى «كېچە» دەپ ئاتىدى. شۇ تەرىقىدە كەچ بىلەن سەھەر ئۆتتى، بۇ تۇنجى كۈن بولدى.

بۇ كۈن سىلەرگە خاتىرە كۈن بولسۇن؛ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھېيتى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلەڭلار؛ ئەبەدىي بەلگىلىمە سۈپىتىدە نەسىلدىن-نەسىلگە مەڭگۈ ئۆتكۈزۈڭلار.

سەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇنى چېۋەر قوللار كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ كەشتىلەپ چىقسۇن.

ئۇلارغا، يەنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەلۋاغلارنى باغلاپ، ئېگىز بۆكلەرنى كىيدۈرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەبەدىي بەلگىلىمە بويىچە، كاھىنلىق خىزمىتى ئۇلارنىڭكى بولىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ، سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى خۇداغا مۇقەددەس قىلىپ ئايرىپ تەيىنلىگىن.

شۇ تەرىقىدە بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق نەسىلدىن-نەسىلگە جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ دائىملىق قۇربانلىق بولسۇن؛ مەن [پەرۋەردىگار] شۇ يەردە سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن.

شۇنىڭدەك ھارۇن گۇگۇمدا چىراغلارنى تىزىپ ياققاندا، خۇشبۇي ياندۇرسۇن. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نەسىلدىن-نەسىلگە خۇشبۇي ھەمىشە ئۆچۈرۈلمەي يېنىق بولىدۇ.

سەن ئۇنىڭدىن ئازراق ئېلىپ، تالقاندەك ئوبدان ئېزىپ، جامائەت چېدىرىدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق [ساندۇقىنىڭ] ئۇدۇلىغا، يەنى مەن سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا قويغىن. بۇ سىلەرگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا ھېسابلانسۇن.

قۇربانلىق قىلىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن.

ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولغان ئېسىل ئۇنغا قولىنى سېلىپ ئۇنىڭدىن شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى زەيتۇن مېيىدىن بىر چاڭگال ئېلىپ ۋە ھەدىيەنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق مەستىكىنى قوشۇپ، بۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ھەدىيەنىڭ «يادلىنىش ئۈلۈشى» بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان بولىدۇ.

«سەن ئۆزۈڭ ۋە ئوغۇللىرىڭ شاراب ۋە يا باشقا كۈچلۈك ھاراقلارنى ئىچىپ، جامائەت چېدىرىغا ھەرگىز كىرمەڭلار؛ بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر. بۇ سىلەر ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك بۇزۇقلۇق قىلىپ تېكە-جىنلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆز قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ يۈرمىسۇن. مانا بۇ ئۇلار ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن.

شۇ كۈنى سىلەر «بۈگۈن بىزلەرگە مۇقەددەس يىغىلىش بولىدۇ» دەپ جاكارلاڭلار؛ شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن قەيەردىلا تۇرساڭلار ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.

نانلار ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولىدۇ؛ ئۇلار ئۇلارنى مۇقەددەس جايدا يېسۇن؛ چۈنكى بۇ نەرسىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان نەرسىلەر ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» دەپ سانىلىپ، ھارۇنغا تەۋە بولىدۇ؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمىدۇر.

جامائەت چېدىرىدىكى خىزمەتنى بولسا، ئۇنى ئۆتىگۈچىلەر پەقەت لاۋىيلارلا بولىدۇ ۋە شۇ ئىشتا بولغان گۇناھىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىسرائ‍ىللارنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ.

شۇ كۈندىن تارتىپ بۇ ئىسرائىل ئۈچۈن ھۆكۈم-بەلگىلىمە قىلىپ بېكىتىلدى. بۈگۈنگىچە ھەم شۇنداق.

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» مانا، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، ئى، كېچىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قۇللىرى!

قاراڭغۇلۇقتا ياشىغان خەلق پارلاق بىر نۇرنى كۆردى؛ يەنى ئۆلۈم كۆلەڭگىسىنىڭ يۇرتىدا ئولتۇرغۇچىلارغا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشتى».  

[يەھيا] بولسا كۆيۈپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغ ئىدى ۋە سىلەر ئۇنىڭ يورۇقىدا بىر مەزگىل شادلىنىشقا رازى بولدۇڭلار.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزدە پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن تولىمۇ ئىشەنچلىك بېشارەتلىك سۆز-كالام باردۇر؛ سىلەر تاڭ سۈزۈلگۈچە، تاڭ يۇلتۇزى قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە بۇ سۆز-كالامغا قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر (بۇ سۆز-كالام خۇددى قاراڭغۇدا چاقناپ تۇرىدىغان چىراغقا ئوخشاشتۇر).