TSK

TSK · يارىتىلىش 13:16

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ ئەمدى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى سانا ــ قېنى، ئۇلارنى سانىيالامسەنكىن؟! ــ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ نەسلىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى.

مەن سېنى ئىنتايىن زور كۆپەيتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەندىن كۆپ ئەل-قوۋملارنى پەيدا قىلىمەن، پۇشتۇڭدىن پادىشاھلار چىقىدۇ.

ئىسمائىلغا كەلسەك، ئۇنىڭ توغرىسىدىكى دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مانا، مەن ئۇنى بەرىكەتلەپ، نەسلىنى كۆپەيتىپ، ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن. ئۇنىڭ پۇشتىدىن ئون ئىككى ئەمىر چىقىدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن.  

لېكىن دېدەكنىڭ ئوغلىدىنمۇ بىر خەلق-مىللەت پەيدا قىلىمەن، چۈنكى ئۇمۇ سېنىڭ نەسلىڭ، ــ دېدى.

ئىبراھىم كەتۇراھ ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى ئالغانىدى.

ھەممىگە قادىر تەڭرى سېنى بەخت-بەرىكەتلەپ، ئاۋۇتۇپ، سەندىن كۆپ خەلقلەرنى چىقىرىپ كۆپەيتكەي،

سەن: «مەن جەزمەن ساڭا زور ياخشىلىق قىلىپ، سېنىڭ نەسلىڭنى دېڭىزدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز كۆپ قىلىمەن»، دېگەنىدىڭ، ــ دېدى.

ئاندىن خۇدا يەنە ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۆزۈم ھەممىگە قادىر تەڭرىدۇرمەن؛ سەن نەسىللىنىپ، كۆپەيگىن؛ بىر ئەل، شۇنداقلا بىر تۈركۈم ئەللەر سەندىن پەيدا بولىدۇ؛ پادىشاھلارمۇ سېنىڭ پۇشتۇڭدىن چىقىدۇ.  

ئۇ: ــ ئاتاڭنىڭ تەڭرىسى بولغان خۇدا مەندۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن سېنى شۇ يەردە ئۇلۇغ بىر قوۋم قىلىمەن.

ئۆز قۇللىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىلنى ياد قىلغىن؛ سەن ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلىپ: «نەسلىڭلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ئاۋۇتىمەن، ئۆزۈم ئۇنىڭ توغرىسىدا سۆزلىگەن مۇشۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى نەسلىڭلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بولىدۇ» دېگەنىدىڭغۇ، ــ دېدى.  

پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى كۆپەيتتى؛ مانا، بۈگۈن سىلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇنسىلەر.

چۈنكى ئۇلار چېكەتكىلەردەك كۆپ بولۇپ، ئۆز مال-چارۋىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ۋە تۆگىلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، زېمىننى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن تاجاۋۇز قىلاتتى.

يەھۇدا بىلەن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك نۇرغۇن ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشاللىق قىلاتتى.

داۋۇت ئىسرائىللار ئىچىدە يىگىرمە ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغان؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپ قىلىمەن دېگەنىدى.

جەمەتلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ــ يەھۇدا قەبىلىسىدىكى مىڭباشلىرى ئىچىدە ئادناھ سەردار بولۇپ، باتۇر جەڭچىلەردىن ئۈچ يۈز مىڭغا باشلامچىلىق قىلاتتى؛

سەن مېنىڭ پەرمانلىرىمغا قۇلاق سالغان بولساڭىدى! ئۇنداق بولغاندا بەخت-خاتىرجەملىكىڭ دەريادەك، ھەققانىيلىقىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بولاتتى!

شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭ [پەقەت] ئۆز مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئېتىقادقىلا ئاساسلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىغا، پەقەت تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇرىدىغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئىبراھىمچە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىنغان. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «سېنى نۇرغۇن قوۋمنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك، ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. دەرھەقىقەت، ئۇ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇت بولمىغاننى بار دەپ مەۋجۇت قىلىدىغان، ئۆزى ئېتىغاد باغلىغان خۇدا ئالدىدا ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولدى.   

بۇ ئىشلاردىن كېيىن كۆردۈمكى، مانا ھەر ئەل، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان سان-ساناقسىز زور بىر توپ خالايىق تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاق تون كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى.