TSK

TSK · يارىتىلىش 13:7

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

قانائانىيلارنىڭ يۇرت چېگرىسى بولسا زىدوندىن تارتىپ، گەرار تەرىپىگە سوزۇلۇپ، گازاغا چىقىپ، ئاندىن سودوم، گوموررا، ئادماھ بىلەن زەبوئىم تەرىپىگە تۇتىشىپ، لېشاغىچە يېتىپ باراتتى.

دەل شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ زېمىننى مىسىرنىڭ ئېقىنىدىن تارتىپ ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە بېرىمەن؛ يەنى كېنىيلەر، كەنىززىيلار، كادمونىيلار،

لېكىن گەراردىكى پادىچىلار ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرىدىن ئۇنى تالىشىپ: ــ بۇ سۇ بىزنىڭكىدۇر، ــ دېدى. ئۇلار ئىسھاق بىلەن جېدەللەشكەچكە، ئۇ بۇ قۇدۇقنى «ئېسەك» دەپ ئاتىدى.

ئۇ ۋاقىتتا [يەرلىك] پادىچىلار كېلىپ، ئۇلارنى ھەيدىدى، مۇسا قوپۇپ قىزلارغا ياردەم بېرىپ، قويلىرىنى سۇغىرىشىپ بەردى.

شۇنىڭدەك ئەگەر بىر ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا شۇ ئائىلە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىكلەر، جېدەللەر، قىزغانچۇقلۇقلار، غەزەپلەر، رىقابەتلىشىشلەر، بۆلگۈنچىلىكلەر، گۇرۇھۋازلىقلار،

سىرتتىكىلەرگە نىسبەتەن دانالىق بىلەن مېڭىڭلار، پۇرسەتلەر چىققاندا كۆڭۈل قويۇپ قولدىن بەرمەڭلار.  

چۈنكى بىز ئۆزىمىزمۇ ئەسلىدە نادان بولۇپ، ئىتائەتسىز، ئازدۇرۇلغان، ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ ھەم لەززەتلەرنىڭ قۇلى بولغان، رەزىللىك ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، نەپرەتلىك بولغان ھەم بىر-بىرىمىزدىن نەپرەتلىنىدىغانلاردىن ئىدۇق.

ئاراڭلاردىكى ئۇرۇش ۋە ماجىرالار نەدىن كېلىپ چىقىدۇ؟ بۇ دەل تەن ئەزالىرىڭلار ئىچىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلاردىن ئەمەسمۇ؟