TSK

TSK · يارىتىلىش 21:15

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ باردى. ئۇلار ئۇدا ئۈچ كۈن چۆلدە يۈرۈپ، سۇ تاپالمىدى.

ئاندىن ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بىلەن يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئېدومنىڭ پادىشاھىغا قوشۇلۇپ ماڭدى. ئۇلار يەتتە كۈن ئايلىنىپ يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، قوشۇن ۋە ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ئات-ئۇلاغلارغا سۇ قالمىدى.

مانا تۆمۈرچى سايمانلىرىنى [قولىغا ئېلىپ]، چوغلار ئۈستىدە [مۇشۇ نەرسىنى] بازغانلىرى بىلەن سوقۇپ شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كۈچلۈك قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئىشلەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ ماغدۇرىدىن قالىدۇ؛ سۇ ئىچمەي ئۇ ھالسىزلىنىپ كېتىدۇ.