شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ ئەمدى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى سانا ــ قېنى، ئۇلارنى سانىيالامسەنكىن؟! ــ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ نەسلىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى.
TSK
TSK · يارىتىلىش 32:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ــ مەن سېنى زور بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن كۆپەيتىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك غولدىتىمەن؛ نەسلىڭ بولسا دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولىدۇ.
ئەمما ياقۇپ: ــ ئۇنداق قىلمىغىن؛ ئەگەر مەن نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، سوۋغىتىمنى قولۇمدىن قوبۇل قىلغايلا؛ چۈنكى سىلىنىڭ مېنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلىرىنى كۆرۈپ، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم!
ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئىسرائىل ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، مۇنداق قىلىڭلار: ــ ئۇ كىشىگە قاچا-قۇچاڭلارغا زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل مېۋىلەردىن سوۋغات ئالغاچ بېرىڭلار: يەنە ئازغىنا تۇتىيا، ئازراق ھەسەل، دورا-دەرمانلار، مۇرمەككى، پىستە ۋە باداملارنى ئالغاچ بېرىڭلار.
ئۆز يىگىتلىرىڭىزدىن سورىسىڭىز ئۇلار سىزگە دەپ بېرىدۇ. شۇڭا بىز قۇتلۇق بىر كۈنىدە كەلدۇق، شۇڭا يىگىتلىرىمىز نەزىرىڭىزدە ئىلتىپات تاپسۇن؛ ئۆز قولىڭىزغا نېمە چىقسا شۇنى كەمىنىلىرىڭىزگە ۋە ئوغلىڭىز داۋۇتقا نېمە چىقسا شۇنى بەرگەيسىز»، دەڭلار، ــ دېدى.
شۇڭا مەن خەلقنى جەمەت-جەمەت بويىچە، قولىغا قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالىرىنى ئېلىپ، سېپىلى پەس بولغان ياكى ھۇجۇمغا ئوچۇق تۇرغان يەرلەردە سېپىلنىڭ ئارقىسىدا قاراۋۇللۇقتا تۇرۇشقا قويدۇم.
سوۋغات ئۆز ئىگىسىگە ئىشىكنى داغدام ئېچىپ بېرەر؛ ئۇنى چوڭ ئەربابلار ئالدىغا يەتكۈزەر.
يوشۇرۇن سوۋغات غەزەپنى باسار؛ يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر-غەزەپنى پەسەيتەر.