TSK

TSK · ئىبرانىيلارغا 13:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، پەرۋەردىگار خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە بولغاي! كارامەت ئىشلارنى ياراتقۇچى يالغۇز ئۇدۇر!

بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن، بەلكى بىزنى رەزىل بولغۇچىدىن قۇتۇلدۇرغايسەن».  

چۈنكى كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، ــ دېدى.

ئۇلارغا مەن سىلەرگە تاپىلىغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا، مەن زامان ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.

شۇ كۈندە سىلەر مەندىن ھېچنەرسە سورىمايسىلەر. بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى سىلەرگە بېرىدۇ.

چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇنىڭدىن كەلگەن، ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. [بارلىق] شان-شەرەپ ئەبەدگىچە ئۇنىڭغا بولغاي! ئامىن.

شۇنداق قىلغان بىردىنبىر دانا بولغۇچى خۇداغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد بولغاي! ئامىن!

چۈنكى ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق بىر روھتا ئاتا ئالدىغا كىرىش ھوقۇقىمىز باردۇر.

ھەمدە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بولغان، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ھەم مەدھىيىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر.

چۈنكى خۇدانىڭ گۈزەل خاھىشى بويىچە سىلەرنىڭ ئىرادە تىكلىشىڭلارغا ۋە شۇنىڭدەك ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭلاردا ئىچىڭلاردا ئىشلىگۇچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.

لېكىن مەندە ھەممە نەرسە بار، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەك بار؛ سىلەر ئەۋەتكەنلىرىڭلارنى ئېپافرودىتتىن تاپشۇرۇۋېلىپ تېرەمگە سىغماي قالدىم ۋە مولچىلىققا چۆمدۇم. بۇ ئەۋەتكىنىڭلار ئىنتايىن خۇشبۇي، خۇداغا قوبۇل بولغۇدەك، شۇنداقلا ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر قۇربانلىقتەك ئىدى.   

ۋە ھەممە ئىشلاردا، سۆز بولسۇن، ئەمەل بولسۇن، ھەممىسىنى رەب ئەيسانىڭ نامىدا قىلىپ، ئۇنىڭ ئارقىلىق خۇدائاتىغا رەھمەت ئېيتىڭلار.

سىلەردىن بولغان، مەسىھ ئەيسانىڭ قۇلى ئەپافراس سىلەرگە سالام يوللايدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىدە مۇكەممەل، كامالەتكە يېتىپ چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن ھەردائىم سىلەر ئۈچۈن دۇئالاردا كۈرەش قىلىدۇ.

يەنە گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن تەرىپلەنگەن بولۇشى، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مۇساپىرلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەن، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قولىنى ئۇزارتقان، ئۆزىنى ھەرخىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلار بولۇشى كېرەك.   

رەب مېنى بارلىق رەزىل ئىشتىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى پادىشاھلىقىغا ساق يەتكۈزىدۇ! شان-شەرەپ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپ بولغاي! ئامىن!

ئىسىملىرى ئەرشتە پۈتۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىدا جەم قىلىنغان جامائىتىگە، ھەممەيلەننىڭ سوراقچىسى خۇداغا، تاكامۇللاشتۇرۇلغان ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرىغا   

سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ تىرىك تاشلار سۈپىتىدە بىر روھىي ئىبادەتخانا قىلىنىشقا، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان روھىي قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان مۇقەددەس كاھىن قاتارىدىكىلەر بولۇشقا قۇرۇلۇۋاتىسىلەر؛  

ئەمما سىلەرنى مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان، پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئازراققىنە ۋاقىت ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، ئۆزى سىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دەس تۇرغۇزۇپ، مۇستەھكەم ۋە ئۇلغا بېكىتىلگەندەك تەۋرەنمەس قىلىدۇ.   

ۋە بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچى كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ.

ئۇلار يېڭى بىر كۈي ئېيتىشتى: ــ «ئورام يازمىنى ئېلىشقا، ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن؛ چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن سېتىۋېلىپ، خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.