TSK

TSK · يەشايا 21:8

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئورنۇمدا يېتىپ سېنى ئەسلىگىنىمدە، تۈن كېچىلەردە سېنى سېغىنىپ ئويلىنىمەن.

ئۇلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى شىرنىڭكىدەك بولىدۇ، ئۇلار ئارسلانلاردەك ھۆركىرىشىدۇ، دەرۋەقە، ئۇلار ئوۋغا ئېرىشكەندە غاژ-غۇژ قىلىپ ھۆرپىيىشىدۇ؛ ئوۋنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچكىم بولماي، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىدۇ.

مەن سېپىللىرىڭدا كۆزەتچىلەرنى بېكىتىپ قويدۇم، ئى يېرۇسالېم، ئۇلار كۈندۈزمۇ ھەم كېچىسىمۇ ئارام ئالمايدۇ؛ ئى پەرۋەردىگارنى ئەسلەتكۈچى بولغانلار، سۈكۈت قىلماڭلار!

پەرۋەردىگار ئۆز ئۇۋىسىنى تاشلاپ چىققان شىردەكتۇر؛ ئەزگۈچىنىڭ ۋەھشىيلىكى تۈپەيلىدىن، ۋە [پەرۋەردىگارنىڭ] دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ زېمىنى ۋەيرانە بولماي قالمايدۇ.

مانا، ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى قويلارنى تارقاتقان بىر شىردەك مەن بابىلدىكىلەرنى بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟   

ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى دۈشمىنىڭلار بولغان ئىبلىس خۇددى ھۆركىرەۋاتقان شىردەك، يۇتقۇدەك بىرسىنى ئىزدەپ قاتراپ يۈرمەكتە؛