لېكىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ يېرىخو تۈزلەڭلىكىدە زەدەكىياغا يېتىشتى؛ ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنىڭدىن تارقىلىپ كەتكەنىدى.
TSK
TSK · يەرەمىيا 21:7
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
پاسىبان بېگى نېبۇزار-ئادان بولسا باش كاھىن سېرايا، ئورۇنباسار كاھىن زەفانىيا ۋە ئىبادەتخانىدىكى ئۈچ نەپەر ئىشىكباقارنىمۇ ئەسىرگە ئالدى.
مانا، مەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا مېدىئالىقلارنى قوزغايمەن، ئۇلار كۈمۈشلەرگە ھېچ قارىمايدۇ، ئالتۇندىن بولسا ئۇلار زوق ئالمايدۇ.
مەن ئۆز خەلقىمدىن غەزەپلەندىم، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ مىراسىمنى بۇلغىۋەتتىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم؛ سەن بولساڭ ئۇلارغا ھېچقانداق رەھىم كۆرسەتمىدىڭ؛ ياشانغانلارنىڭ ئۈستىگىمۇ بويۇنتۇرۇقلارنى ئىنتايىن ئېغىر قىلىپ سالدىڭ؛
ــ ئۇلار روزا تۇتقاندا، پەريادىنى ئاڭلىمايمەن؛ ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئاشلىق ھەدىيەلەر بىلەن سۇنغاندا، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ مەن ئۇلارنى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابالار ئارقىلىق يوقىتىمەن.
ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنى ئۆزۈڭگە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىڭگە ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن يىقىلىدۇ؛ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇنى كۆرىسەن؛ مەن بارلىق يەھۇدانى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۇرىدۇ.
ۋە يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن بۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ ۋە مېنىڭ توغرۇلۇق: سەن بۇنىڭغا: «بابىل پادىشاھى چوقۇم كېلىپ بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەم ئىنساننى ھەم ھايۋاننى يوقىتىدۇ» ــ دەپ يېزىشقا قانداقمۇ پېتىندىڭ؟» ــ دېدىڭ.
لېكىن سەن چىقىپ تەسلىم بولۇشنى رەت قىلساڭ، پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلغان ئىش مۇنداق: ــ
ئىسرائىل تارقىتىۋېتىلگەن قوي پادىسىدۇر؛ شىرلار ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن؛ دەسلەپتە ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، ئاخىرىدا بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ غاجىلىغان.
ئاندىن زەدەكىيانىڭ كۆزلىرىنى ئويۇۋەتتى؛ بابىل پادىشاھى ئۇنى مىس كىشەنلەر بىلەن باغلاپ بابىلغا ئېلىپ كېلىپ، ئۆلگۈچە زىندانغا قاماپ قويدى.
بابىل پادىشاھى خامات زېمىنىدىكى رىبلاھدا بۇ كىشىلەرنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇ يول بىلەن يەھۇدا ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىندى.
شۇڭا مەن قەھر بىلەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىمەن؛ مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ ئۇلار قۇلىقىمغا يۇقىرى ئاۋازدا نىدا قىلسىمۇ، ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن، ــ دېدى.
«مەن بولسام، مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ يولىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن، ــ دېدى.
مەن ئۆز تورۇمنى ئۈستىگە يېيىپ تاشلايمەن، ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى بابىلغا ئاپىرىمەن ھەمدە شۇ يەردە ماڭا قىلغان مۇتلەق ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن.
چۈنكى مانا، مەن ھېلىقى مىجەزى ئوسال ھەم ئالدىراقسان ئەل كالدىيلەرنى ئورنىدىن تۇرغۇزىمەن؛ ئەسلى ئۆزىگە تەۋە ئەمەس ماكانلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇلار يەر يۈزىنىڭ كەڭرى جايلىرىنى بېسىپ ماڭىدۇ؛