TSK

TSK · يۇھاننا 16:3

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئاتاڭ قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى. ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى تونۇمايسىلەر. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، ــ دېدى.

بىراق مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ئۇلار سىلەرگىمۇ شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ.

مەڭگۈلۈك ھايات شۇكى، بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ــ سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ دانالىقنى بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىگەنىدى؛ ئۇنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسا، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان رەبنى كرېستلىمىگەن بولاتتى.  

شۇ چاغدا ئۇ خۇدانى تونۇمايدىغانلاردىن، شۇنداقلا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغانلاردىن يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئىنتىقام ئالىدۇ.  

ئۇ مېنى تەيىنلىدى! ــ بۇرۇن كۇپۇرلۇق ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچى، زالىم بىر ئادەم بولساممۇ، ماڭا رەھىم كۆرسىتىلدى؛ چۈنكى مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم.   

مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگۈچى كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر.