TSK

TSK · يۇھاننا 3:10

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇڭا كۆڭلۈڭلارنى خەتنىلىك قىلىڭلار، بوينۇڭلارنى يەنە قاتتىق قىلماڭلار.

ئوغلۇم سۇلايمانغا سېنىڭ ئەمرلىرىڭ، ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتۇپ، ھەممىنى ئادا قىلىپ، مەن ھازىرلاپ قويغانلىرىمنى ئىشلىتىپ ئوردىنى ياساشقا دۇرۇس بىر قەلب بەرگەيسەن».

مەندە پاك قەلب ياراتقايسەن، ئى خۇدا؛ ۋۇجۇمدىكى سادىق روھىمنى يېڭىلىغايسەن.

چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يېتەكچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، يېتەكلەنگۈچىلەر بولسا يۇتۇۋېلىنىپ يوقىلىدۇ.

چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە غەپلەت ئۇيقۇسى باسقۇچى بىر روھنى تۆكۈپ، كۆزۈڭلارنى ئېتىۋەتتى؛ ئۇ پەيغەمبەرلەر ۋە باش-كۆزۈڭلار بولغان ئالدىن كۆرگۈچىلەرنىمۇ چۈمكىۋەتتى.  

ــ تولغىقى تۇتمايلا ئۇ بوشىنىدۇ؛ ئاغرىقى تۇتمايلا، ئوغۇل بالا تۇغىدۇ!

چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى: ــ مەن ئۆز تەۋرات-قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ ئىچىگە سالىمەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ قەلبىگىمۇ يازىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئىلاھى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.  

مەن ئۇلارغا بىر قەلبنى بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھنى سالىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ تېنىدىن تاشتەك قەلبنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلارغا مېھرلىك بىر قەلبنى بېرىمەن.   

ــ مەن سۈپسۈزۈك سۇنى ئۈستۈڭلارغا چاچىمەن، بۇنىڭ بىلەن سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى ھەممە پاسكىنىلىقىڭلاردىن ۋە بۇتلىرىڭلاردىن پاكلايمەن.

شۇ ۋاقىتلاردا، ئەيسا بۇ ئىشلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: ــ ئاسمان-زېمىن ئىگىسى ئى ئاتا! سەن بۇ [ھەقىقەتلەرنى] دانىشمەن ۋە ئەقىللىقلاردىن يوشۇرۇپ، سەبىي بالىلارغا ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن!

ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەر نە مۇقەددەس يازمىلارنى نە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئازغانسىلەر.

چۈنكى سىرتقى كۆرۈنۈشى يەھۇدىي بولسىلا ئۇنى [ھەقىقىي] يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ، سىرتقى جەھەتتىكى جىسمانىي خەتنىنىمۇ [ھەقىقىي] خەتنە دېگىلى بولمايدۇ،

سىلەر ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قولىسىز بولغان سۈننەت بىلەن سۈننەت قىلىنغانسىلەر؛ دېمەك، مەسىھنىڭ سۈننىتى بىلەن [گۇناھلىق] ئەتكە باغلانغان تەندىن خالاس قىلىنغانسىلەر؛