TSK

TSK · يۇھاننا 3:32

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەنگەن؟ ھەم «پەرۋەردىگارنىڭ بىلىكى» بولغۇچى كىمگىمۇ ئايان قىلىنغان؟  

بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بىز بىلگىنىمىزنى ئېيتىمىز ۋە كۆرگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، لېكىن سىلەر بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايسىلەر.   

[ھالبۇكى]، كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ.   

ئۆزۈمنىڭ سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ۋە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار؛ لېكىن مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر ۋە مەن ئۇنىڭدىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، بۇلارنىلا دۇنيادىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئېيتىمەن، ــ دېدى.  

بىراق، خۇددى يەشايا [پەيغەمبەرنىڭ] «ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خەۋىرىمىزگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرگە ئىتائەت قىلغان ئەمەس.