پەرۋەردىگار ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئۆز مۇقەددەس بىلىكىنى ئېچىپ ئايان قىلغان؛ شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىننىڭ بارلىق چەت-ياقىلىرى خۇدايىمىزنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشىنى كۆرىدۇ.
TSK
TSK · يۇھاننا 4:42
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بىراق پەرىشتە ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار! چۈنكى مانا، پۈتۈن خەلققە خۇشاللىق بولىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئېلان قىلىمەن.
ئەتىسى، يەھيا ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: ــ مانا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغان خۇدانىڭ قوزىسى!
مۇسا چۆلدە [تۇچ] يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك.
سىمون پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋاب قىلىپ: ــ ئى رەب، بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ مەڭگۈ ھاياتلىق سۆزلىرى سەندىلىدۇر!
چۈنكى سەن ماڭا تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم؛ ئۇلارمۇ بۇلارنى قوبۇل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن سەندىن چىققىنىمنى ھەقىقەتەن بىلىپ يەتتى ھەمدە سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى.
ئۇ يەردىكى [سىناگوگدىكىلەر] تېسالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا ئېسىل خىسلەتلىك بولۇپ، سۆز-كالامنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېنىقالاپ بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقىنىپ ئىزلەندى.
دېمەك، خۇدا مەسىھدە ئادەملەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەيىبى بىلەن ھېسابلاشماي، ئالەمنى ئۆزىگە ئىناقلاشتۇردى؛ شۇنىڭدەك بىزگە ئىناقلاشتۇرۇش خەۋىرىنى ئامانەت قىلىپ تاپشۇردى.
بىز شۇنى كۆرگەن ۋە شۇنداقلا شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، ئاتا ئوغۇلنى دۇنياغا قۇتقۇزغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتى.