ئەمدى ئۇلار ئۆز گەپلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن يېقىن كەلسۇن؛ مەيلى، ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ باقسۇن! كىم مۇشۇ ئىشنى قەدىمدىنلا جاكارلىغانىدى؟ كىم ئۇزۇندىن بېرى ئۇنى بايان قىلغان؟ ئۇ مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ دەرۋەقە، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ھەم ئادىل خۇدا ھەم قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن؛ مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر.
TSK
TSK · يۇھاننا 6:40
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ بولسا [پەرۋەردىگارنىڭ] ئالدىدا خۇددى يۇمران مايسىدەك، ياكى خۇددى قاغجىراق تۇپراقتا تارتقان بىر يىلتىزدەك ئۆسىدۇ؛ ئۇنىڭدا جەزبىدارلىق ياكى ھەيۋە يوق بولىدۇ، بىز ئۇنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ بىزنى جەلب قىلغۇدەك تەقى-تۇرقىمۇ يوق بولىدۇ.
چۈنكى ئۆز كۆزۈم سېنىڭ نىجاتىڭنى كۆردى،
شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ».
ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، ــ دېدى.
بۇزۇلۇپ كېتىدىغان پانىي ئوزۇقلۇققا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ھاياتلىققا باقىي قالىدىغان ئوزۇقلۇققا ئىنتىلىپ ئىشلەڭلار؛ بۇنى ئىنسانئوغلى سىلەرگە بېرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئاتا، يەنى خۇدا ئۆزى مۆھۈرلەپ تەستىقلىغان، ــ دېدى.
ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە مەن ئۇنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن.
مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ.
كىمكى مېنى كۆرگۈچى بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى كۆرگۈچى بولىدۇ.
ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتنىڭ روھىدۇر. ئۇنى بۇ دۇنيادىكىلەر قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى نە كۆرمەيدۇ، نە تونۇمايدۇ. بىراق سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ سىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم سىلەردە ماكان قىلىدۇ.
يەنى، ئۇنىڭ سەن ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئەت ئىگىلىرىدىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلغىنىڭدەك، ئۇنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن.
چۈنكى گۇناھنىڭ ئىش ھەققى يەنىلا ئۆلۈمدۇر، بىراق خۇدانىڭ رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان سوۋغىتى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر.
ئېتىقاد بولسا ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىسى ۋە كۆرۈنمەيدىغان شەيئىلەرنىڭ دەلىلىدۇر.
ئەيسا مەسىھنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار؛ ۋە ھازىرمۇ ئۇنى كۆرمەيسىلەر، لېكىن ئۇنىڭغا يەنىلا ئېتىقات قىلىپ قەلبىڭلار ئىپادىلىگۈسىز شان-شەرەپكە تولغان خۇشاللىق بىلەن يايرايدۇ.
ۋە ئۇنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بولسا دەل شۇ ــ مەڭگۈ ھاياتلىقتۇر.
ئادەمنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېلىپ بارىدىغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىكىنى تەلمۈرۈپ كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە تۇتۇڭلار.