TSK

TSK · يۇھاننا 6:64

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۆزۈڭ ئولتۇرغىنىمنى، تۇرغىنىمنىمۇ بىلىسەن؛ يىراقتا تۇرۇقلۇق كۆڭلۈمدىكىنى بىلىسەن.

لېكىن مەن سىلەرنى بىلىمەنكى، ئىچىڭلاردا خۇدانىڭ مۇھەببىتى يوق.

بىراق ئۆز ئىچىدە مۇخلىسلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا غوتۇلداشقىنىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۇ سۆزۈم سىلەرنى تايدۇردىمۇ؟

ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەن سىلەر ئون ئىككىڭلارنى تاللىدىم ئەمەسمۇ، بىراق ئاراڭلاردا بىرسى ئىبلىستۇر! ــ دېدى   

مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!  

بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر.

مەن بۇلارنى ھەممىڭلارغا قارىتىپ ئېيتمىدىم. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئالدىن پۈتۈلگەن: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ.   

چۈنكى خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەنكىشىلەرنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىنىڭ ئوبرازىغا ئوخشاش بولىدىغىنىنى، ئوغلىنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى ئوغلى بولىدىغىنىنى ئالدىن بەلگىلىگەن.   

ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.