ئەمدى ھېزى بولغىنكى، سەن بارىدىغان زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن ھېچ ئەھدە باغلاشمىغىن؛ بولمىسا، بۇ ئىش سىلەرگە تۇزاق بولىدۇ؛
TSK
TSK · باتۇر ھاكىملار 21:1
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇ چاغدا يەفتاھ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ: ــ ئەگەر سەن دەرۋەقە ئاممونىيلارنى قولۇمغا تۇتۇپ بەرسەڭ،
شۇنىڭ بىلەن ھەممە خەلق بىر ئادەمدەك قوپۇپ: ــ ئارىمىزدىن نە ھېچكىم ئۆز چېدىرىگە بارمىسۇن نە ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە قايتمىسۇن،
ئىسرائىللار ئۆزئارا: ــ ئىسرائىلنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن جامائەتكە قوشۇلۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا كەلمىگەن كىملەر بار؟ ــ دەپ سوراشتى، چۈنكى ئۇلار كىمكى مىزپاھقا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولمىسا، ئۇ شەكسىز ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، دەپ قاتتىق قەسەم قىلىشقانىدى.
پەقەت بىزلا قىزلىرىمىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەرسەك بولمايدۇ، چۈنكى ئىسرائىللار: «ئۆز قىزىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرگەن كىشى لەنەتكە قالسۇن!» دەپ قەسەم قىلىشقان، ــ دېيىشتى.
لېكىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئۇ كۈنى زور بېسىم ئاستىدا قالدى. چۈنكى سائۇل ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: ــ مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالمىغۇچە كەچ بولۇشتىن ئىلگىرى تائام يېگەن كىشىگە لەنەت بولسۇن، دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقتىن ھېچكىم تائام يېمىدى.
ئاغزىڭنى يېنىكلىك بىلەن ئاچما؛ كۆڭلۈڭ خۇدا ئالدىدا بىرنېمىنى ئېيتىشقا ئالدىرمىسۇن؛ چۈنكى خۇدا ئەرشلەردە، سەن يەر يۈزىدىدۇرسەن؛ شۇڭا سۆزلىرىڭ ئاز بولسۇن.
ئاندىن ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە: ــ مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسەڭمۇ شۇنى بېرىمەن، ــ دېدى.
چۈنكى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلارنىڭ خۇداغا ھەقىقەتەنمۇ قىزغىن ئىنتىلىشى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىنتىلىشى ھەقىقىي بىلىم ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس.