TSK

TSK · لۇقا 19:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ۋە مۇساغا: ــ بىزگە سەنلا سۆز قىلغايسەن، بىز ئاڭلايمىز؛ لېكىن خۇدا بىزگە ئۆزى سۆز قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇنداق قىلسا ئۆلۈپ كېتىمىز، دېدى.

سامۇئىل خەلققە مۇنداق دېدى: ــ قورقماڭلار؛ سىلەر دەرۋەقە بۇ ھەممە رەزىللىكنى قىلغانسىلەر، لېكىن ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن چەتنىمەي، پۈتكۈل كۆڭۈللىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار؛

ھەم ئۇلار تەڭرىگە: «بىزدىن نېرى بول، بىزنىڭ يوللىرىڭ بىلەن تونۇشقىمىز يوقتۇر!» ــ دەيدۇ،

ــ سىلەر: «خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇش بىھۇدىلىكتۇر» ھەم: «ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى چىڭ تۇتۇشىمىز ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ماتەم تۇتقان كىشىلەردەك يۈرۈشىمىزنىڭ نېمە پايدىسى؟» ــ دەيسىلەر،

چۈنكى ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر خۇداغا دۈشمەنلىكتۇر؛ چۈنكى ئەت خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم ھەتتا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس؛

چۈنكى خۇدا بىزگە قورقۇنچاقلىقنىڭ روھىنى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ-قۇدرەتنىڭ، مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ۋە سالماقلىقنىڭ روھىنى تەقدىم قىلدى.

مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ يوقتۇر؛ كامىل مېھىر-مۇھەببەت قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر؛ قورقۇنچى بار كىشى مېھىر-مۇھەببەتتە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئەمەستۇر.