TSK

TSK · ماركۇس 11:1

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

لېكىن داۋۇت زەيتۇن تېغىغا چىققاندا، بېشىنى يېپىپ يالاڭ ئاياغ بولۇپ يىغلاۋاتاتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەممە خەلقنىڭ ھەربىرى بېشىنى يېپىپ يىغلاپ چىقىۋاتاتتى.

ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى يېزىسىغا كەلگىنىدە، ئەيسا ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى:

ئۇ زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، مۇخلىسلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سېنىڭ [قايتىپ] كېلىشىڭ ۋە زاماننىڭ ئاخىرىنى كۆرسىتىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى.

ئاندىن ئۇ ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بەردى. ئۇ ئون ئىككىيلەننى يېنىغا چاقىردى ۋە [خەلق ئارىسىغا] ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتىشكە باشلىدى. ئۇ ئۇلارغا ناپاك روھلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى؛  

ئۇ مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئالدىن ماڭغۇزۇپ ئۇلارغا: ــ شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىڭلار.

ئەيسا بولسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى.