TSK

TSK · ماركۇس 13:15

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئەمدى ئۇ يەرگە تېزدىن قېچىپ بارغىن؛ چۈنكى سەن شۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە ھېچ ئىش قىلالماسمەن، ــ دېدى. شۇڭا ئۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «زوئار» دەپ ئاتالغان.

شەيتان پەرۋەردىگارغا جاۋابەن: ــ ھەر ئادەم ئۆز جېنىنى دەپ تېرىسىنى بېرىشكىمۇ رازى بولىدۇ، ھەتتا ھەممە نېمىسىنىمۇ بېرىشكە تەيياردۇر؛

زېرەك كىشى بالايىقازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار؛ ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار.

شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن؛ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا [ئۆيىگە] ھېچ يانمىسۇن.

ئېتىقادى بولغاچقا، نۇھ تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، ئىخلاسمەنلىك قورقۇنچى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يوغان بىر كېمە ياسىدى؛ ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق شۇنداق قىلىپ پۈتكۈل دۇنيادىكىلەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى، شۇنداقلا ئېتىقادتىن بولغان ھەققانىيلىققا مىراسخور بولدى.