تەڭرى ئىنسان ئەمەستۇر، ئۇ يالغان ئېيتمايدۇ، ياكى ئادەم بالىسىمۇ ئەمەستۇر، ئۇ پۇشايمان قىلمايدۇ. ئۇ دېگەنىكەن، ئىشقا ئاشۇرماي قالامدۇ؟ ئۇ سۆز قىلغانىكەن، ۋۇجۇدقا چىقارماي قالامدۇ؟
TSK
TSK · ماركۇس 13:31
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
[ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى] پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇغا: ــ سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ، دېگەن سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. دەرۋەقە شۇنداق بولدى.
سەن يەرنى ئەلمىساقتىنلا بەرپا قىلغانسەن، ئاسمانلارنى ھەم قوللىرىڭ ياسىغاندۇر؛
بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئاسمانلارغا، ئاستىڭلاردا تۇرغان يەر-زېمىنغىمۇ قاراپ بېقىڭلار؛ چۈنكى ئاسمانلار ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولىدۇ، يەر-زېمىن بولسا بىر تال كىيىمدەك كونىراپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ؛ بىراق نىجاتىم بولسا ئەبەدىلئەبەدگىچىدۇر، مېنىڭ ھەققانىيلىقىم ھەرگىز يانجىلمايدۇ.
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ.
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ.
(بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت مەڭگۈلۈك ھاياتقا باغلانغان ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى مۇتلەق يالغان ئېيتمايدىغان خۇدا ھەممە دەۋر-زامانلاردىن ئىلگىرىلا ۋەدە قىلغانىدى؛
لېكىن رەبنىڭ كۈنى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك [كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا] بولىدۇ. ئۇ كۈنى ئاسمانلار شىددەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولۇپ، كائىناتنىڭ بارلىق قۇرۇلمىلىرى شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ تۈگەيدۇ؛ زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ كېتىدۇ.