TSK

TSK · ماركۇس 2:8

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئى خۇدايىم، شۇنى بىلىمەنكى، سەن ئىنساننىڭ قەلبىنى سىناپ، دۇرۇسلۇقتىن خۇرسەن بولىسەن؛ مەن بولسام دۇرۇس قەلبىمدىن بۇلارنى ئىختىيارەن تەقدىم قىلدىم؛ ۋە بۇ يەردە ھازىر تۇرغان خەلقىڭنىڭمۇ ساڭا تەقدىم قىلغىنىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۆردۈم.

يامانلارنىڭ ئوي-پىكرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ بىراق ساپ دىلنىڭ سۆزلىرى سۆيۈملۈكتۇر.  

رەزىل ئادەم ئۆز يولىنى، ناھەق ئادەم ئۆز ئوي-خىياللىرىنى تاشلىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن، ئۇ ئۇنىڭغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىدۇ؛ خۇدايىمىزنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسۇن، ئۇ زور كەچۈرۈم قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈڭلاردا رەزىل ئويلاردا بولىسىلەر؟

بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەيىب ئىزدەشلىرىنى بىلىپ يېتىپ، جاۋابەن: ــ سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نېمىشقا ئەيىب ئىزدەيسىلەر؟

ئەمدى ئۇنى چاقىرغان پەرىسىي بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئىچىدە: «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە تېگىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ كىم ۋە قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۈنكى ئۇ بىر بۇزۇق!» دەپ ئويلىدى.

لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ [قەلبىنىڭ] قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى.

ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭدىن يەنە: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس ئەيسانىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۆزىدىن: «مېنى سۆيەمسەن؟» دەپ سورىغانلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ: ــ رەب، سەن ھەممىنى بىلىسەن، سېنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسەن، ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات.   

ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەجەللىك كېسەل بىلەن ئۇرىمەن. شۇ چاغدا، بارلىق جامائەتلەر نىيەت-نىشانلارنى ۋە قەلبلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا مېنىڭ ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىدىغانلىقىمنى بىلىدۇ.