TSK

TSK · ماركۇس 5:7

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا قانچە قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا راست گەپتىن باشقىسىنى ماڭا ئېيتماسلىققا قەسەم ئىچكۈزۈشۈم كېرەك؟! ــ دېدى.

ئەمدى ئازدۇرغۇچى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلىنىشقا بۇيرۇغىن! ــ دېدى.

سىمون پېترۇس: ــ سەن مەسىھ، مەڭگۈلۈك ھايات خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.  

ــ ئى ناسارەتلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! سەن بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلايتتى.

لېكىن ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش كاھىن ئۇنى قىستاپ يەنە ئۇنىڭدىن: ــ سەن مۇبارەك بولغۇچىنىڭ ئوغلى مەسىھمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى.  

ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى.

لېكىن ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ۋارقىراپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مەن بىلەن نېمە كارىڭ! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى.

ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئاغۋات: ــ مانا بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن. [مۇشۇ يەردىلا] چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە قانداق توسالغۇ بار؟ ــ دېدى.

لېكىن شۇ ئەتراپتا يۈرىدىغان، «جىنكەش» يەھۇدىيلارىن بەزىلىرىمۇ رەب ئەيسانىڭ نامىنى ئىشلىتىپ باققۇسى كېلىپ، جىن چاپلاشقانلار ئۈستىدە تۇرۇپ جىنلارغا: «پاۋلۇس جاكارلاۋاتقان ئەيسانىڭ نامىدىن ساڭا قاتتىق بۇيرۇق بېرىمەن!» دەيدىغان بولدى.

پەرزەنتلەر بولسا ئەت بىلەن قاندىن تەنلىك بولغاچقا، ئوغۇلمۇ [شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە] ئوخشاشلا ئەت ۋە قاندىن تەنلىك بولدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ،   

چۈنكى خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ ئولتۇرماي، بەلكى ئۇلارنى تەھتىسارانىڭ ھاڭىغا تاشلاپ، سوراققا تارتقۇچە زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇقتىكى زەنجىرلەر بىلەن سولاپ قويغان يەردە،  

[ۋە سىلەر شۇنىمۇ بىلىسىلەركى]، ئەسلىدىكى ئورنىدا تۇرماي، ئۆز ماكانىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەب ئۇلۇغ [قىيامەت] كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ كىشەنلەپ مۇدھىش قاراڭغۇلۇقتا سولاپ ساقلىماقتا.

ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان زەنجىر تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.