TSK

TSK · ماتتا 25:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ھەزەكىيا پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدا شۇنداق قىلدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ياخشى، دۇرۇس ۋە ھەق بولغاننى قىلدى.

سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ.

مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ.

ئاندىن پادىشاھ ئوڭ يېنىدىكىلەرگە: «ئەي ئاتام بەخت ئاتا قىلغانلار، كېلىڭلار! ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پادىشاھلىققا ۋارىس بولۇپ ئىگە بولۇڭلار!

مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ.

سىلەر بولساڭلار، بېشىمغا سىناقلار كەلگەندە باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە ھەمراھ بولغانسىلەر.

مەن سىلەرگە ئورۇن تەييارلىغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى ئۆزۈمگە ئالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر.  

روھىدا يەھۇدىي بولغىنى [ھەقىقىي] يەھۇدىيدۇر؛ ئۇنىڭ خەتنە قىلىنغىنى خەتنە قانۇن دەستۇرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قەلبىدە، روھتىندۇر. بۇنداق كىشىنىڭ تەرىپلىنىشى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن بولىدۇ.  

شۇنىڭ بىلەن، مەيلى تەندە بولايلى، مەيلى تەندىن نېرى بولايلى، ئۇنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستەك-نىشان قىلىپ ئىنتىلىمىز.

مەن ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالدىم؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىزارمەن ــ بۇ ئىش زىيادە ئەۋزەلدۇر؛

ئالدىڭدا چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. مانا، ئىبلىس ئاراڭلاردىن بەزىلىرىڭلارنى سىنىلىشىڭلار ئۈچۈن يېقىندا زىندانغا تاشلىتىدۇ. سىلەر ئون كۈن قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە سادىق بولغىن، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.

غەلىبە قىلغۇچىنى بولسا، مەنمۇ غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇرغىنىمدەك، ئۇنىمۇ تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلىمەن.

غەلىبە قىلغۇچى ھەركىم بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ؛ مەن ئۇنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولىدۇ.