TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 13:22

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇڭا ئابرام چېدىرلىرىنى يۆتكەپ، ھېبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىدى.

مۇسا ئۇلارنى چارلاپ كېلىشكە قانائانغا سەپەرۋەر قىلىپ: — سىلەر مۇشۇ يەردىن نەگەۋ چۆلى تەرەپكە قاراپ مېڭىڭلار، ئاندىن تاغلىق رايونغا چىقىڭلار.

ئۇ ۋاقىتتا يەشۇئا كېلىپ ئاناكىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تاغلىق رايوندىن، ھېبروندىن، دەبىردىن، ئانابدىن، يەھۇدانىڭ ھەممە تاغلىق رايونى بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە تاغلىق رايونىدىن يوقاتتى؛ يەشۇئا ئۇلارنى شەھەرلىرى بىلەن قوشۇپ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى.

يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەبگە بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ يەشۇئاغا بەرگەن ئەمرى بويىچە، ئۇنىڭغا يەھۇدالارنىڭ ئارىسىدا بىر ئۈلۈش، يەنى ئاناكنىڭ ئاتىسى ئاربانىڭ شەھىرى بولغان ھېبرون ئاتا قىلىندى.

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھارۇن كاھىننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىلەر پاناھلىنىدىغان شەھەر ھېبرون ۋە يايلاقلىرىنى، يەنە ئۇلارغا لىبناھ بىلەن يايلاقلىرىنى،

ئاندىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن يول سوراپ: يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە چىقايمۇ؟ دېدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ چىققىن، دېدى. داۋۇت، نەگە چىقاي؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ھېبرونغا چىققىن ــ دېدى.

ئۇ مىسىرنىڭ زېمىنىدا، زوئاننىڭ دالاسىدا، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنىدى؛

تولىمۇ ئەخمەق زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى! پىرەۋننىڭ ئەڭ دانا مەسلىھەتچىلىرىدىن ئەخمىقانە مەسلىھەتلەر چىقىدۇ! سىلەر قانداقمۇ پىرەۋنگە: ــ «مەن بولسام دانالارنىڭ ئەۋلادى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ نەسلىدۇرمەن!» ــ دەۋاتقانسىلەر تېخى؟

پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرى زوئان شەھىرىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھانەس شەھىرىگە ھەردائىم كېلىپ تۇرسىمۇ،