TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 13:27

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، شۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ياخشى ھەم كەڭ بىر زېمىنغا، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ بېرىشقا چۈشتۈم.

ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بېرىشكە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا سېنى ئېلىپ بارغىنىدا مۇشۇ [ئابىب] ئېيىدا شۇ ئىبادەتنى تۇتقىن.

شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە: «سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ ئالىسىلەر؛ مەن شۇ سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن»، دەپ ئېيتقانىدىم؛ سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىم قىلغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.

ئەگەر پەرۋەردىگار بىزدىن سۆيۈنسە، بىزنى شۇ زېمىنغا، يەنى ھەسەل بىلەن سۈت ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ زېمىنغا باشلاپ بېرىپ، ئۇنى بىزگە بېرىدۇ.

ھالبۇكى، سەن بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتقا باشلاپ كەلمىدىڭ، ئېتىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنىمۇ بىزگە مىراس قىلىپ بەرمىدىڭ. سەن بۇ خەقنىڭ كۆزىنىمۇ ئويۇۋالماقچىمۇ؟ بىز بارمايمىز! — دېدى.

سەن، ئى ئىسرائىل، ئۇلارنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە دېگىنىدەك، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت زېمىندا تۇرۇپ، ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ ۋە سانىڭلار ئىنتايىن كۆپىيىدۇ): ــ

بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىپ بۇ زېمىنغا، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا ئىگە قىلدى!

ئاندىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كىرىشىڭلار ئۈچۈن دەريادىن ئۆتكىنىڭلەردە، بۇ قانۇننىڭ ھەممە سۆزلىرىنى شۇ تاشلارغا پۈتۈپ قويۇڭلار.

چۈنكى ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغان، مىسىردىن چىققان خەلق ئىچىدىكى جەڭگە يارىغۇدەك بارلىق ئەركەكلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە ئىسرائىللار قىرىق يىل چۆلدە يۈرگەنىدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا: ــ سىلەرنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بېرىشكە قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىننى، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتنى كۆرگۈچىلەر قىلمايمەن، دەپ قەسەم قىلغانىدى.

سەن ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلىمەن دەپ قەسەم قىلغان، سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى تەقدىم قىلغانسەن.

مەن يەنە چۆل-باياۋاندا ئۇلارغا سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەممە زېمىننىڭ گۈلى بولغان زېمىنغا كىرگۈزمەيمەن دەپ، قولۇمنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىمەن دېدىم