TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 13:28

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

بىز ئۇ يەرلەردە «نەفىلىيلەر» دېگەن [گىگانت] ئادەملەرنى كۆردۇق ‹دەرۋەقە ئاناقىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى نەفىلىيلەردىن چىققاندۇر›؛ بىز ئۆزىمىزگە قارىساق چېكەتكىدەك تۇرىدىكەنمىز، بىز ئۇلارغىمۇ شۇنداق كۆرىنىدىكەنمىز، — دېدى.

(ئەمىيلەر ئەسلىدە شۇ يەردە تۇراتتى؛ ئۇلار ئاناكىيلارغا ئوخشاش كۈچلۈك، سانى كۆپ، ئېگىز بويلۇق بىر خەلق ئىدى.

بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېگىز سېپىللار ۋە بالداقلىق قوۋۇقلىرى بىلەن مۇستەھكەم قىلىنغانىدى؛ ئۇلارغا قاراشلىق يېزا-كەنتلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ئاناكىيلاردىن ھېچبىرىمۇ قالدۇرۇلمىدى؛ پەقەت گازا، گات ۋە ئاشدودتا بىرنەچچىسىلا قالدى.

كالەب شۇ يەردىن شېشاي، ئاھىمان ۋە تالماي دېگەن ئۈچ ئاناكىينى قوغلىۋەتتى؛ ئۇلار ئۈچى ئاناكنىڭ ئەۋلادى ئىدى.